باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن يىلى تۆمۈر يول ساقچىلىرى قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدىن 40 مىڭدىن كۆپرەكىنى تۇتتى

2016.01.21 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىدىن 40مىڭ 315نى قولغا چۈشۈردى، بۇ 2014-يىلدىكىدىن %13.2 ئارتۇق بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 110ئى قولغا چۈشكەن.

  تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قېچىپ يۈرگەنلەرنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈش خىزمىتىدە جايلاردىكى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاساسى قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خەلق ساقچىلىرىغا ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بېرىپ، مەركەزلىك تەربىيەلەش، نەق مەيداندا ئوقۇتۇش، تەكشۈرۈپ تۇتۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قېچىپ يۈرگەنلەرنى تونۇش، بايقاش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، يولۇچىلار ئېقىمى ئەھۋالىغا قاراپ، ساقچى كۈچىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ، بېلەت سېتىش زالى، مەيدانى ۋە ۋوگزال شۇنداقلا يولۇچىلار پويىزى قاتارلىق سورۇنلاردىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بېلەت سېتىش، ۋوگزالغا كىرىش، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، بېلەت تەكشۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇپ، قېچىپ يۈرگەنلەرنى تۇتۇش تورىنى قويۇقلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر