- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
راففارىن: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تۈۋرۈكى
2016.01.21 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىرانسىيە «كەلگۈسىگە نەزەر ۋە ئىسلاھات فوند جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى راففارىن 18-يانۋار كەچتە فوند جەمئىيەتنىڭ پائالىيىتىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش-فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تۈۋرۈكى ۋە پاراۋۇزى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى شەرق بىلەن غەربتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم مەدەنىيەتنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدۇ. راففارىن مۇنداق دېدى: فىرانسىيە بىر بىرىنىڭ ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مەدەنىيەت ۋە تارىخى ئەنئەنە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا نۇرغۇن پەرقلەر ساقلانماقتا، كۆپلەپ ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئىككى دۆلەت بىر بىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر