باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر ئېلان قىلدى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدۇ

2016.01.20 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: قۇرۇلۇش، شەھەر مەمۇرىيىتى، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق قۇرۇلۇش ساھەلىرى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاپ ئىشلەش، ياسىمىچىلىق، رېستوران مۇلازىمىتى قاتارلىق مائاشنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ئاسان كۆرۈلۈدىغان كەسىپلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش، ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، لەۋزىدە تۇرمىغانلارغا تەنبىھ بېرىشتەك ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم كاپالىتى سىستېمىسى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارنىڭ سۇبيېكتىپ قانۇنىيىتى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، جەمئىيەتنىڭ ماس نازارەتچىلىكى، قانۇن يۈرگۈزۈش ھەرىكىتى، جازالاش بىر تەرەپ قىلىشتەك خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2020-يىلغىچە، دېھقان ئىشلەمچىلارنىڭ مائاشىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلامدا نېسى قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر