خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-يانۋار، 106ياشلىق ئۇيغۇر ئانا گۈلەۋەر مەمەتئىمىن ۋە ئىلگىرى لياۋنىڭ ناملىق ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتەپ ئەسكەرلىكتىن قايتقان رۇقىيە مەتسەيدى تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقىپ ئىكىسكۇرسىيە قىلدى. يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى چاھارباغ يېزىسى خەلىپەئېرىق كەنتىدىن كەلگەن 106ياشلىق ئۇيغۇر ئانا گۈلەۋەر مەمەتئىمىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭغا كېلىپ، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى، ماۋجۇشى خاتېرە سارىيىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى، دېڭىز-ئوكيان سارىيى، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق جايلاردا ساياھەت قىلدى. پايتەختتىكى مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئۇ «بېيجىڭ ياخشى» دەپ ماختاپ كەتتى. گۈلەۋەر مەمەتئىمىن 1910-يىلى تۇغۇلغان ، ھازىر تۇرمۇشى باياشات، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بېيجىڭنى كۆرۈش ئىدى.يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قوللىشى بىلەن، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇ ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېيجىڭغا كېلىپ، بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى سۈرەتكە ئېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ «بېيجىڭ ئارزۇسى»نى ئەمەلگە ئاشۇردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى