باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالاھىدە قوللىدى(1)

مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى

2016.01.19 16:30   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالاھىدە قوللىدى(1)

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسى ۋەكىللىرىنىڭ مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باش تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىش پائالىيتى 18-يانۋار چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئالىي مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىسى ۋەكىللىرى ئۆزى ياسىغان قول ھۈنەرۋەن بۇيۇملىرىنى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا تەقدىم قىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك بۇ تەنتەربىيە مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن قاتارلىق رەھبەرلەر پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىدىن قەغەز قىيما ئەسەرلەر، كەشتە بۇيۇملىرى، دېھقانلار رەسىمى، گۈرۈچ دان تىزما رەسىمى، قاپاق رەسىمى، تاش رەسىم ۋە كۇچا نانلىرى مېھمانخانا زالىغا رەتلىك تىزىلدى.

  لى شۆجۈن ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر ئەسەرنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئامما مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئالاھىدە قوللىدى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، جاي-جايلاردا ناھايىتى ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى.بۇ، شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقى ۋە شىنجاڭلىقىلارنىڭ دۆلەتنى سۆيىدىغان ۋەتەنپەرۋەر روھىي ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
      ·شىنجاڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى كەسپلەر…
      ·ئۆتكەن يىلى 53نەپەر ئالىي مەكتەپ رەھبىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى  
      ·2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلار ئالدىنقى يىلىدىكىدىن مىڭغا يېقىن ئازايدى
      ·ياۋروپادىكى ئالىي مەكتەپلەر ‹‹ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا›› بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ
      ·دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر
      ·ئوقۇش تەۋەلىكى ئۇچۇرى بولمىغان يەسلى بالىلىرى مەكتەپكە كىرەلەمدۇ؟