باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ ئەل» پائالىيىتى گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىر ئايلىق تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاتلاندى

2016.01.21 09:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئۈچ ئەل» خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات ئەترىتى مۇددىتى بىر ئايلىق بولغان تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاتلاندى.

  يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان، «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىگە چۈشكەن كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن تەشۋىقات ئەترىتى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 8-نۆۋەتلىك 10-ئومۇمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسەتلىرى، دېھقانلارنى بېيىتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ۋە تۈرلۈك قانۇن-نىزاملارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆز-ئىبارىلەر، جانلىق، تەسىرلىك مىساللار ئارقىلىق تەسىرلىك بايان قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەسەۋۋۇر، يېڭى تەلەپ ۋە 13-بەش يىللىق پىلان خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، يۆلىنىشى، كۈچ سەرپ قىلىدىغان نۇقتىسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ چارە تەدبىرلىرى، نۇقتىلىق يۆلەشنىڭ ئىلمىي تاكتىكىلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر شەرھلەپ كۆپچىلىككە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بەشئېرىق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۈسۈپ ئابلىتىپ مۇنداق دېدى: بىز تەشۋىقات ئىلىپ بارغان جايلاردا كۇپ بولغاندا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، ئەڭ ئاز بۇلغاندىمۇ 300ئادەم تەشۋىقاتنى ئاڭلاشقا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقاتنىڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولدى. بىز بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ئارقىلىق، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار ئاممىسى ۋە ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنى ئەمەلى نەپكە ئېرىشتۈردۇق.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بەشئېرىق بازىرىنىڭ تۆۋەنكى قۇمئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېشىت ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: مېنىڭ تەشۋىقات تېمام زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتىن ئىبارەت، مېنىڭچە، دېھقانلارنىڭ ئىدىيەسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئىلىمىي تېخنىكىغا تايىنىش لازىملىقىنى ئۇلارغا بىلدۈرۈش لازىم. بۇ خىل ئۇقۇمنى دېھقانلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، يېڭى شەيئى، يېڭى تېخنىكا بىلىملىرىنى قوبۇل قىلدۇرغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلەش، ئىناق تەرەققىياتقا پايدىسى بولىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر