باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ2016-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى24- يانۋار باشلىنىدۇ

2016.01.21 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدە ئېچىلغان 2016 - يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش تور ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 24- يانۋاردىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئومۇميۈزلۈك ھالدا چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە كىرىدىكەن. چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈر يولدا توشۇلىدىغان يولۇچىلار ئۈچ مىليون 80مىڭ ئادەم ( قېتىم )غا يىتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن % 11.8ئاشىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2016 - يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى 24- يانۋاردىن 3 -مارتقىچە جەمئىي 40كۈن بولۇپ، چاغاندىن بۇرۇنقى 15كۈن، چاغاندىن كېيىنكى 25كۈن بولىدىكەن. چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئارقىلىق شىنجاڭ سىرتىغا توشۇلىدىغان يولۇچىلار 900مىڭ ئادەم ( قېتىم )بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 4.2ئاشىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىگە توشۇلىدىغان يولۇچىلار ئىككى مىليون 181مىڭ ئادەم ( قېتىم ) بۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 15.2ئاشىدىكەن. چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە توشۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلار 546مىڭ ئادەم ( قېتىم ) غا يىتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىل بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدىكەن.

  بۇ يىللىق چاغان بۇلتۇرقىدىن بۇرۇن كىلىدىغانلىقتىن، چاغاندىن بۇرۇن تۆمۈر يوللاردا يولۇچىلار نىسپىي مەركەزلىشىپ، چاغاندىن كېيىن تارقاقلىشىدىكەن، تۇغقان يوقلايدىغانلار ۋە بىر قىسىم ئىشلەپ يۇرتىغا قايتىدىغانلار، ئوقۇغۇچى، ساياھەتچىلەر ئېقىمى چاغاندىن بۇرۇنقى يولۇچى توشۇش مەزگىلىگە مەركەزلىشىپ قالغان بۇلۇپ، چاغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە شىنجاڭغا كىلىپ ئىشلەيدىغان ئىشەمچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش باشلىنىدىكەن، 25- فېۋرالدىن 3-ئاينىڭ بېشىغىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىشىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 24- يانۋاردىن 6-فېۋرالغىچە، 25-فېۋرالدىن 1-مارتقىچە چاغاندىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئىككى قېتىملىق يولۇچى توشۇشنىڭ يوقۇرى پەللىسى شەكىللىنىدىكەن. يولۇچىلار ئېقىمى ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، خەنكۇ، جېڭجۇ، گۇاڭجو، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغانلارنى ئاساس قىلىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر