- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى يىلسېرى ئاشماقتا
2016.01.22 13:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش-تۈزەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جيەن 21-يانۋار، 2013-يىلى گوۋۇيۈەن «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش ھەرىكىتى پىلانى»نى بېسىپ تارقاتقاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى تارماقلار ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەركەز مالىيەسى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن ساقلىنىش-تۈزەش مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، زور كۈچ بىلەن قوللىدى.
ۋاڭ جيەن، «2013، 2014، 2015-يىلى ئايرىم ھالدا بەش مىليارد، 9مىليارد 800مىليون، 10مىليارد 600مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2016-يىللىق مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن بەش مىليارد يۈەننى ئالدىن چۈشۈردى. مەركەز مالىيەسىنىڭ <پىشاڭ>رولى بارغانچە گەۋدىلىك بولدى، مەسىلەن 2014-يىلى جەمئىي 300مىليارد يۈەن جەمئىيەت مەبلىغىگە تۈرتكە بولدى، كۆپ قۇتۇبلىق مەبلەغ سېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى»، دېدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر