باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىغا ياخشى ئۈلگە بولۇڭ

2016.01.21 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىندا، بىر كىچىك قىز بوۋىسىغا« تەنبىھ بەرگەن»سىن تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سىندا، بوۋاي قىز نەۋرىسىنى ئېلىپ يول ئېغىزىدا ئاممىۋى ئاپتوبوسنىڭ ئىشىكىنى ئۇرۇپ، ئاپتوبۇسقا چىقىشنى تەلەپ قىلغان. شوپۇر بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بېكەتكە بېرىشنى ئىشارەت قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن، بوۋاي ئاپتوبۇسقا چىققاندىن كېيىن ئاغىزىنى بۇزۇپ شوپۇرنى تىللىغان. يېنىدىكى كىچىك قىز نەۋرىسى: بوۋا، سىز خاتا قىلدىڭىز، ئاپتوبۇس تېخى بېكەتكە كىرمەي تۇرۇپ چىقسىڭىز توغرا بولمايدۇ. سىز يەنە مۇشۇنداق قىلسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئالغىلى كەلمەڭ، دېدى. ئارقىدىنلا شوپۇرنىڭ يېنىغا كىلىپ« ھەدە، كەچۈرۈڭ، چوڭ دادام خاتا قىلدى»، دېدى.

  قىزچاقنىڭ بىر ئېغىز كەچۈرم سورىشى شوپۇر ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ھەممەيلەن قىزچاققا بارىكاللا ئېيتتى.

  بەزىدە، بالىلارنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدىغىنىنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ. بەلكىم نۇرغۇن بالىلار مۇشۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋالغا يولۇقۇپ باققان: قىزىل چىراق يانغاندا، دادا بولغۇچى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ بۆسۈپ ئۆتكەن، باللار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ كەينىدىن ئەگەشكەن؛ ئاممىۋى سورۇندا، ئاپا يۇقىرى ئاۋازدا تېلفوندا سۆزلەشكەن، بالا نومۇس قىلغان. . . . مەدەنىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش، ئەدەپ قائىدىلىك بولۇش تەربىيەسىدە مەكتەپ تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. بىراق بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا ئاڭلىق ئەمەل قىلماي، بالىلارغا ئۈلگە بولماستىن ھەتتا خاتالىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ خىلاپلىق قىلدى، بۇنداق سەلبىي جەھەتتە «ئۈلگە» بولۇش ئىجابىي تەربىينى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن.

  بىر مەكتەپ مۇدىرى مۇنداق بىر ئىش دېگەنلىكى ئېسىمدە: مەكتەپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر پارچە چىملىق بار ئىدى، بىر دادا بالىسىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا، چىملىقتىن دەسسەپ ئۆتمەكچى بولغاندا، بالىسى ئۇنماي چىڭ تۇرىۋالغان، ئىككىسى خېلى ئۇزۇن تىركىشىپ قالغان. مەكتەپ مۇدىرى دېدى: بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندە، مەن ناھايتى قورقىمەن، بۇ ئوماق بالىلارنىڭ كېيىن ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاپ قىلىشىدىن قورقىمەن.

  بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.(مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر