باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نېفىت مەھسۇلاتلىرى « دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى» دەۋرىگە قەدەم قويدى

2016.01.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:18-يانۋار، ئۈرۈمچى نېفىت- خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان 974 توننا 95 - نومۇرلۇق« دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى»دىكى بېنزىن، تۇنجى قېتىم « 13 -نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» ئۈرۈمچى-سانجى رايونىنىڭ ئاساسلىق مەيدان رايونىدىكى بەلگىلەنگەن 25 ماي قاچىلاش پونكىتىغا يەتكۈزۈلدى، ھەمدە 93 - نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھازىرقى باھاسى بويىچە سېتىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىز نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ « دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى» دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  20-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى نېفىت- خىمىيە سانائىتى باش زاۋۇتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى نېفىت- خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى بۇلتۇر « دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى»گە ماس كېلىدىغان بېنزىننى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، بۇ يىل پۈتۈن كۈچى بىلەن گۈڭگۈرت مىقدارى pmm 10 دىن تۆۋەن « دۆلىتىمىزنىڭ 5- باسقۇچلۇق بۇلغانما قويۇپ بېرىش ئۆلچىمى»گە ماس كېلىدىغان بېنزىندىن 8000 توننا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر