باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتاينىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ -35℃كە چۈشۈپ قالدى

2016.01.22 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-يانۋار، 24-مەۋسۇمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەۋسۇمى «قاپاق ياردى» مەۋسۇمى ۋە سىبېرىيەدىن كىرگەن سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئالتاي ۋىلايىتىدە تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃25تىن ℃35قا چۈشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋرايى بۈگۈن (21-يانۋار)گىچە داۋاملىشىپ، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان رايون چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ تايكەشكەن بازىرىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃35قا چۈشىدىكەن. 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن ئالتاينىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن. شامال ئېغىزلىرىدىكى بوران كۈچى يەتتە بال ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  بۇ ئەھۋالدا ئالتاي ئوت مۇداپىئە تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ : تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى چوڭ بولىدۇ، ئوت ، توك ۋە گاز ئىشلىتىش جەريانىدا چوقۇم ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش، ئۆيىدە ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ مىقداردا ساقلىماسلىق، ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن گاز كىلاپانىنى ئىتىۋېتىش، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە يول قاتنىشىدا يوشۇرۇن خەتەر كۆپ بولىدۇ، يىغىلىپ قالغان قار مۇز قاتقان يول بۆلەكلىرىدە يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىنى تىزگىنلەپ، ئېھتىيات بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەش،ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش، يول يۈرگەندە يول ئەھۋالىنى ئېھتىيات بىلەن كۆزىتىش لازىم. ئەگەر قار - شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ قاپسىلىپ قالغان ھامان، دەل ۋاقتىدا 119غا تېلېفۇن بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەك.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر