- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋسترىيە مۇساپىر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى چەكنى بېكىتتى
2016-يىلى 37 مىڭ 500 مۇساپىرنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن
2016.01.22 14:26 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرى: ئاۋسترىيە زۇڭلىسى فايمان 20-يانۋار جاكارلاپ، 2016-يىلى بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 37 مىڭ 500 مۇساپىرنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، 2019-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئەڭ كۆپ بولغاندا تەخمىنەن 130 مىڭ مۇساپىرنى پاناھىغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ سان تەخمىنەن ئاۋسترىيەنىڭ 8 مىليون 500 مىڭ دائىملىق نوپۇسىنىڭ %1.5ىنى ئىگىلەيدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئاۋسترىيە جەمئىي 90 مىڭغا يېقىن مۇساپىرنى قوبۇل قىلغان. يېقىندا، ۋيېنا ھۆكۈمىتى چېگرىنى تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈپ، مۇساپىرلارنىڭ زور تۈركۈمدە يوپۇرۇلۇپ كىرىشىنى چەكلەيدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر