باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈردى

2019.04.19 13:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۇڭچىڭغا بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ھەم «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن چۇڭچىڭ شەھىرى شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. بىر ئوقۇتقۇچى باش شۇجىغا، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنە ئانا مەكتىپىمگە قايتىپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى بولدۇم، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا 17 يىل بولدى دېدى. باش شۇجى خۇشال ھالدا، بەك ياخشى بولۇپتۇ، مەن بۇ يەرگە يىلتىز تارتقان مۇشۇنداق بىر تۈركۈم يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىزنىڭ يۇرت-ماكانىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار زور ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.

  ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىدىكى نامرات كىشى تەن دېڭجۇنىڭ ئۆيىگە باردى. تەن دېڭجۇ ئەر-ئايال ئىككىيلەن بۇلتۇر كېسەل ھەم يارىلىنىىش سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئىدى، ئەمما سىياسەتنىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. باش شۇجى ئۇلار بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ كىرىم ۋە داۋالىنىش ھېساباتىنى قىلىپ كۆردى، باش شۇجى «تۆۋەن كاپالەت ياردىمى قانچىلىك؟ يەر ئوبوروتىدىن بىر يىلدا قانچىلىك كىرىم قىلىسىلەر؟ داۋالىنىش، دورا ھەققىگە قانچىلىك خەجلەيسىلەر؟ قانچىلىك ئاتچوت قىلالايسىلەر؟ پەرزەنتىڭلار بىر يىلدا بېرىدىغان بېقىش ھەققى قانچىلىك؟» دەپ بەك تەپسىلىي سورىدى. باش شۇجى يەنە «كىيىنىش، تويۇنۇشتىن ئىبارەت ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى بىز بىۋاسىتە كۆردۇق، داۋالىنىش كاپالىتى، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئەگەر پۇقرالارنىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىققان بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ سىياسىتىمىز ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ» دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇاشى كەنتىنىڭ ئاھالىسى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ما پېيچىڭنىڭ ئۆيىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ھەققىدە پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يەرگە كۆپچىلىكنى يوقلاش ئۈچۈن مەخسۇس كەلدىم، ئايروپىلان، پويىز، ماشىنىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل قاتناش ۋاسىتىسى بىلەن بۇ يەرگە كەلدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇ بىر نۇقتىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەلدىم، لېكىن بۇ نۇقتىنىڭ مەقسىتى نېمە؟ بۇنىڭ مەقسىتى-بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىمىز. ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش-يەتمەسلىكتىكى ئاچقۇچ يۇرتداشلاردا. يۇرتداشلار نېمىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم نۇقتا-نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلەنگەنلىكى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە، بىزنىڭ ئەڭ تۈپ ئۆلچىمىز-ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەن كۆپچىلىكنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇشتىن غەم قىلمايدىغانلىقى، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىنىڭ بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك خاتىرجەم بولدۇم دېدى. ئۇ كۆپچىلىككە بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغان ئىكەن، داۋاملىق تېرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك دەپ تاپىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن بۇ يەردە سىلەرنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم شۇنداقلا بىر قىسىم ئەمەلىي ئەھۋاللارنىمۇ كۆردۈم، ھەقىقەتەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەپسىلەر، بەخت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ، سىلەر كۈرەش قىلىۋاتىسىلەر، بۇ بەك ياخشى ئىش!

  كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا خاتىرجەم بولۇڭ دېدى.

  چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرۈۋاتقان ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى، چۇڭچىڭدىكى ناھىيە، يېزا، كەنت كادىرلىرى ۋەكىللىرى ھەم مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر