باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن جىڭ شەنشىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2019.04.19 13:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە شەنشىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەنشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «بەشتە پۇختا بولۇش» تەلىپى بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېتىشىۋېلىش شۇنداقلا ئېشىپ كېتىشنىڭ يېڭى سەھپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك.

  خەن جىڭ شەنشى خەنۋاڭ دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى، بىيادى ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، سامسۇڭ جۇڭگو يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى شۇنداقلا كەسىپ تەرەققىياتى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈردى؛ شىئەن شەھىرى چۈجياڭ يېڭى رايونلۇق باج ئىشلىرى ئىدارىسىغا بېرىپ، باج ئىشلىرىنى بىجىرىش مۇلازىمەت زالى ۋە باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يوقلاپ، قوشۇلما قىممەت بېجى ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كىچىك ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي مەنپەتدارلىق باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، كارخانا، باج ئىشلىرى كادىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. خەن جىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىش، ھەق تۆۋەنلىتىشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىجرا قىلىپ، كارخانىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتىش كېرەك. باج ئىشلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، سىياسەتلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەكلىپى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئىسلاھات داۋامىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ باھاسى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسىنى ئۆلچەش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتى ۋە ھەق ئاساسىنى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باج ئىشلىرى ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىنى بىرىكتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىدارلىق باج ئىشلىرى كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باج ئوغۇرلاش، باج ئالداش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  خەن جىڭ خەنجۇڭ شەھىرى ۋۇشياڭ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى باشقۇرۇش ئاسراش پونكىتى، ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئورمان قوغداش ئەھۋالى ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانلىرى ئسلاھاتىنى تەكشۈرۈپ، ئورمانچىلىق قانۇن ئىجراسى ۋە قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگەللىدى. سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلام ئورمانچىلىق كادىلىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. خەن جىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئورمانچىلىق رايونلىرىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن ئىشلەۋاتقان ئورمانچىلىق خىزمەتچىلىرى ۋە ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئورمانچىلىق سىستېمىسى تۈزۈلمىسى ۋە ئورگان ئىسلاھاتىنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورمانچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىقنى باشقۇرۇش ۋە ئورمانچىلىق قانۇن ئىجراسى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، ئورمان ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ كەڭ كۆلەملىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئېكېلوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  خەن جىڭ يەنە شىئەن خەلقئارا پورت ئىشلىرى رايونىنىڭ پىلان كۆرسىتىش زالىغا بېرىپ، بىر بەلباغ بىر يول ئىچكى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى خەلقئارا ئۆتەڭ تۈگىنى پورت قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈردى؛ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى ئىگەللىدى؛ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چاڭئەن نومۇرلۇق پويىزلارنى گۇرۇپپىلاش پونكىتىغا بېرىپ، پونكىت خىزمىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى. خەن جىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەنشى رايون ئەۋزەللىكى ۋە زور يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، باجدىن خالىي رايون ۋە پورت ئىشلىرى رايونىنى بىرىكتۈرۈپ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر