باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لائوس تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-لائوسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى

2017.11.14 13:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، لائوسنىڭ «خەلق گېزىتى»، « پاتېت-لاۋ گېزىتى »، «ۋىنتىيان گېزىتى»دە «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-لائوسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن سەرلەۋھىلىك ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو-لائوسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى

  شى جىنپىڭ

  مەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بوڭناڭ ۋوراچىتچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پات ئارىدا لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. ئىلگىرى لائوستا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، قىزغىن، دوستانە لائوس خەلقى، ھەشەمەتلىك ۋىيېنتيان لۇئاڭ مۇنارى، مەنزىرىسى گۈزەل مىكون دەرياسى مەندە چوڭقۇر ۋە گۈزەل تەسىر قالدۇرغانىدى. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە لائوستىكى كونا-يېڭى دوستلار بىلەن دوستلۇق ئىزھار قىلىشىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو-لائوس غايە-ئېتىقادى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشىشىپ كېتىدىغان سوتسىيالىستىك دوست دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تەسىرلىك ھېكايىلەرنى يازدى. ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي ۋە كايسونې فومۋىخانې قاتارلىق ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىر-بىرىدىن سىر ساقلىماي سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، جۇڭگو-لائوسنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى. لائوسنىڭ مۇھىم رەھبىرى چۇئىنىم فولسېنانىڭ ئەۋلادلىرى ئۇزاق يىل جۇڭگودا ئوقۇپ، جۇڭگودا ياشلىق ئىزىنى قالدۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ شاھىتى، ۋارىسلىق قىلغۇچىسى، ئالغا سىلجىتقۇچىسىغا ئايلاندى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-، 70-يىللىرىدا، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى لائوس خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىشلىرىغا پائال ياردەم بېرىپ، 200دىن ئارتۇق جۇڭگولۇق ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۆزلىرى جەڭ قىلغان تۇپراقتا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كېتىپ، ھاياتى بىلەن جۇڭگو-لائوس دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەس ئابىدىسىنى تىكلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر