خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى خانويدىكى رەئىس مەھكىمىسىدە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ داناڭدا ئېچىلغان بىرەسمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك قوشنىلار ۋە مۇھىم ھەمكارلىق-ھەمراھلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ۋە ئورتاق تەرەققىيات نىشانى جۇڭگو-ۋىيېتنام پارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەقدىرىنى چەمبەرچاس باغلىغان. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنامغا قارىتا دوستلۇق ئاساسىي فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ياخشىلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» قۇرۇلۇشىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى تۇتۇشى، ئادىمىيەت ساھەسى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى