باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ قان بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلىنىش سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى

پۇقرالارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش نىسبىتى يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتتى

2017.11.13 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېرىلگەن خەۋەردىن ئىگىلىنىشىچە: يېقىندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «2016- يىللىق يەر شارى قان بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلىنىشى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودا قان بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلىنىش سەۋىيەسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىكەن.

  ئېلىمىزدە پۇقرالارنىڭ ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، 20 يىل ئۇدا ئېشىش پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. بۇنداق ئەھۋال پۈتۈن دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ. ھەقسىز قان تەقدىم قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ۋە قان ئېلىنىش مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز قان تەقدىم قىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %96.3كە يەتكەن بولۇپ، بۇ، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ %95 بولۇشتەك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. دۆلىتىمىزنىڭ قان بىخەتەرلىكى سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگومۇ دۇنيادا پەقەت %24 دۆلەتتىلا قان نۇكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قان تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەملىك ۋىرۇسى (HIV) قاتارلىق ۋىرۇسنىڭ دەسلەپ تەكشۈرۈلۈشىدىكى مۇسبەت نىسبىتى ئاران %0.17گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزمۇ بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. كىلىنىكىدا مۇۋاپىق قان ئىشلىتىش كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، كىلىنىكىدا ساپ قان سېلىش نىسبىتى %99.6گە يېتىپ، بۇنىڭ بىلەن، يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ %97 بولۇشتەك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. قان بىراك قىلىش نىسبىتى %5.95كە يېتىپ، بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ %6.7 بولۇشتەك ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى داۋالاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ چاڭچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدە ھازىر قان مەركىزى ۋە مەركىزىي قان پونكىتىنى ئاساس قىلغان، چەت-ياقا جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك مەركىزى قان ئامبارلىرىنى تولۇقلىما قىلغان، ھەمدە شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ۋە يۈرۈشى ئۈنۈملۈك بولغان قان پونكىتى مۇلازىمەت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى. 2016- يىلى يىل ئاخىرغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 32 قان مەركىزى، 321 مەركىزىي قان پونكىتى، 99 مەركىزى قان ئامبىرى تەسىس قىلىندى؛ مۇقىم قان ئېلىش نۇقتىسىدىن 1262ى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ، 2012- يىلىدىكىدىن %41.3 ئاشتى. زور تەبىئىي ئاپەت ۋە ھادىسە خاراكتېرلىك ئاپەت دېگەندەك ئوخشاش تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قان تەمىنلەشتىكى دۆلەت ۋە ئۆلكىدىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك جىددىي كاپالەت مېخانىزمى بەرپا قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر