باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

2017.11.13 09:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋىيېتنامنىڭ داناڭ شەھىرىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە پۇختا، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇقلاشتى، خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ھەم ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئورناتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، رۇسىيە دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىشتەك تەرەققىيات يولىدا پۇختا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئۆز تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىمۇ يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قوللاشنى داۋاملىق زورايتىپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ سودا كۆلىمىنى ۋە سۈپىتىنى ماس قەدەمدە كېڭەيتىپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە، سېلىنما، يۇقىرى تېخنىكا، ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنى جىپسىلاشتۇرۇشتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە دۆلەت باش تېما يىلى پائالىيىتىنى ياخشى پىلانلىشى ۋە يولغا قويۇشى كېرەك. خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكا دائىرىسىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق ئىقتىسادنى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ پۇتىنغا ج ك پ 19 - قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئادىل، ھەققانىي بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە نىشانى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  پۇتىن ج ك پ 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى قۇتلۇقلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 19 - قۇرۇلتاينىڭ مۇھىم نەتىجىسى رەئىس جانابلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگونىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر تاشقى سىياسەتتىكى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىدۇ. رەئىس جانابلىرىنىڭ بۇ يىل يازدا رۇسىيەگە قىلغان مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارىتىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى مۇناسىۋىتىدە ئىجابىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئىككى تەرەپ مەن رەئىس جانابلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ئاۋىياتسىيە، ياسىمىچىلىق، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ ئاپپاراتىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر