باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاتا-ئانا قاتارلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىۋېلىشقا ياردەم تەلەپ قىلىش تورى 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆيگە قايتىپ بېرىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى

2017.11.13 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 4- پەسىللىك رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىشتىكى يېقىنقى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە: كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانا قاتارلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىۋېلىشقا ياردەم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان بۇ مەملىكەتلىك تور ئېچىلغاندىن بۇيان، 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە، بۇ سۇپىدا تۇغقان ئىزدەش ئېلانىدىن 44مىڭ 273 پارچە ئېلان چىقىرىلغان. نەتىجىدە، 13 مىڭ 728 نەپەر پاناھلانغۇچىنىڭ ئۆيگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىۋېلىشىغا ياردەم قىلىنغان.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ تاۋۇ مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ ئاتا-ئانا قاتارلىق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىۋېلىشىغا ياردەم قىلىشتا قوللىنىلغان ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇل، يەنى رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلەردە ئېلان چىقىرىش ئۇسۇلى مۇئەييەن چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى تۇغقان ئىزدەش شەكلى پارچىلىنىپ كەتكەن، تۇغقان ئىزدەش ئۇچۇرلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى شۇ رايون بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ۋە تۇغقان ئىزدەش ئېلانلىرىنىڭ چاپلاقلىق تۇرۇش ۋاقتىمۇ چەكلىمىگە ئۇچىرىغان ئىدى. بىراق، «ئالاقە تور + تۇغقان ئىزدەش» تورىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن، تۇغقان ئىزدەش شەكلىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن، تۇغقان ئىزدەش ئېلانلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ۋە ھەر ۋاقىت تارقاتقىلى بولىدىغان، ھەمدە چىقىرىلغان ئېلاننى توردا ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولىدىغان بولدى. يوقاپ كەتكەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا، جايلار چىقارغان ئېلانلاردىكى تۇغقىنىنى ئىزدەپ تېپىۋېلىش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، يوقاپ كەتكەن كىشىسىنى تېز سۈرەتتە ئىزدەپ تاپالايدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر يېڭى تاراتقۇلار ۋە«ئالاقە تور + تۇغقان ئىزدەش» تورى دېگەندەك مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تۇغقان ئىزدەش ئۇسۇللىرىنى كېڭەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، شۇ ئارقىلىق تۇغقان ئىزدەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر