خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خانويدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تۇرۇشلۇق جايدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن قايتا كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا يولداشلىقتىن ھالقىغان قېرىنداشلىق روھى بويىچە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى توغرىسىدا داۋاملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ۋىيېتنامغا قىلغان سەپىرىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولدى، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ سەمىمىي دوستلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم. جۇڭگو-ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم، ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت. ھازىر ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئۆزلۈكسىز ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. مەن تۈنۈگۈن باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن دوستانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئىلگىرىكى ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلىمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى