باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>پىكىر-تەكلىپلەر

مېڭ شياۋسى مائاشلىق ئەر-ئايالنىڭ بالىلارنى بېقىش دەم ئېلىشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى يولغا قويۇش تەكلىپى بەردى

2016.03.08 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى مېڭ شياۋسى خەلق تورى « ئىككى يىغىن E ساراي» سەھىپىسىدە، « ئاياللار باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش» نى تېما قىلىپ، تورداشلار بىلەن پاراڭلاشتى. « ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالا» سىياسىتىدە توختالغاندا، مېڭ شياۋسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالا» سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى بالا سىياسىتىنى قويۇۋىتىشلا ئەمەس، يەنە بىر قاتار يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش لازىم، مائاشلىق ئەر- ئايالنىڭ بالىلارنى بېقىش دەم ئېلىشىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئەر-ئايال ئورتاق بالا بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  مېڭ شياۋسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى: ئاممىۋى يەسلى قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ 0-3 ياشلىق بالىلار ئاممىۋى يەسلى قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرنىڭ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى ئاساسلىقى ئىككى تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تۇغۇت ياردەم پۇلى ۋە تۇغۇت داۋالىنىش تەمىناتىدىن ئىبارەت. ھازىر جايلاردىكى سىياسەت-بەلگىلىمىلەر بىرلىككە كەلمىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنىڭ مەزمۇنىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، غەملەش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقئارا تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىپ، مائاشلىق ئەر-ئايالنىڭ بالىلارنى تەڭ بېقىشنى يولغا قويۇپ، بالا بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ،ئاياللارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، كارخانىلار ئايال ئىشچى ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئائىلە سۆيەر خىزمەت مۇھىتى يارىتىش لازىم .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر