باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خەلىمە: قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2016.03.08 14:03   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خەلىمە: قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئۆز مۇخبىرىمىز مەلىكەم خەۋىرى) مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمى تەرەپلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەلىمە مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ قاتناش ئىشلىرى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.

  قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى بىلىش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بىخەتەر يول يۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جىددىي قۇتقۇزۇش كەسپىي خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىشىغا ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر نەق مەيداندىكى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار تېز ھەرىكەت قىلسا ۋە توغرا قۇتقۇزالىسا، كەسپىي تېببىي خادىملارنىڭ قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ۋاقىت قولغا كەلتۈرۈپ، يارىدارلارنىڭ مېيىپ بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاممىۋى جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى خەلقئارا بىرلەشمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيەدە جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەش نىسبىتى % 80كە، نورۋېگىيەدە % 95 كە يەتكەن. ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا زور پەرق بار. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن خەلىمە بىر قانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  1. كۆپ تەرەپ ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، كۈندىلىك ئالاقىلىشىش، ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ھەمكارلىق مېخانىزم ئورنىتىپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش. كېرەك

  2. قاتناش-تىرانسپورت خىزمەتچىلىرىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئۇزاق ئۈنۈم بېرىدىغان مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلق ئاۋىياتسىيە، تۆمۈر يول، تاشيول يول تىرانسپورتى ۋە يولۇچى توشۇش، سۇ يولى تىرانسپورتى قاتارلىق قاتناش ئورۇنلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، قاتناش-تىرانسپورت خادىملىرىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىمى ۋە ماھارىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى پىلانلىق، نازارەتچىلىكى بولغان ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  3. جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنە-جابدۇقلارنى تەييارلاش، ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئايرودۇرۇم، پىرىستان، ۋوگزال، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتى قاتارلىق ئادەم توپلاشقان جايلاردا جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك ئۈسكۈنلەرنى سەپلەش؛ ئايروپىلان، پويىز، يولۇچىلار پاراخوتى قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئۈستىدە جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى ھەم شەخسىي موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلرىدا جىددىي قۇتقۇزۇش سومكىسى قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش كېرەك.

  4. « موتورلوق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش بويىچە ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھان پىروگراممىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كېرەك. جىددىي قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيەلەشتە بىلىم ۋە ئىقتىدار ئۆگىتىلىدىغان بولغاچقا، دەرسنى كەسپىي ئوقۇتقۇچى ئۆتۈشى لازىم، تەربىيەلەش ۋە سىناش نەزەرىيە مەزمۇندىن باشقا، يەنە ئەمەلىي مەشىق مەزمۇنى بولۇشى كېرەك.

  5. جىددىي قۇتقۇزۇش تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ۋوگزال، يولۇچىلار بېكىتى، ئايرودۇرۇم، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىدىكى تەشۋىقات ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانى ۋە پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قىسقا فىلىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ، ئامما ئارىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…