خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-مارت، ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق رېئودې-ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئاياللار پۇتبول ئاسىيا رايونىنىڭ تاللاش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدىكى 4-ئايلانما مۇسابىقىدە جۇڭگو كوماندىسى 0گە قارشى بىر نەتىجە بىلەن كورىيە كوماندىسىنى يەڭدى. كېيىنرەك ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئاۋسترالىيە كوماندىسى 1گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن چاۋشيەن كوماندىسىنى يەڭدى، جۇڭگو كوماندىسى بىلەن ئاۋسترالىيە كوماندىسى جەمئىي 10 نومۇر ۋە 12 نومۇرلۇق نەتىجە بىلەن ئالدىن گۇرۇپپىدىن چىقتى.
1996-يىلى جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان، شۇ يىلدىكى ئاتلانتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن ئامېرىكا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ، 2- بولغان، بىراق بۇ جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە قېتىملىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە جۇڭگو كوماندىسى ياخشى جارىي قىلدۇرالمىغان، ھەتتا 2012-يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغىمۇ قاتنىشالمىغان ئىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى