- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ۋەكىل لو باۋمىڭ: خەينەندىكى بېلىقچىلارنىڭ ئۆز ئۆزىنى قوغداش مەشقى نورمال ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر
2016.03.08 15:04 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو باۋمىڭ 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن كۈنىدە رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خەينەندىكى بېلىقچىلارنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار، بېلىقچىلارنىڭ دېڭىزدىكى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا قاتنىشىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش ئۈچۈندۇر، دېدى.
«بېلىقچىلىرىمىزمۇ دېڭىزدىكى ھوقۇق مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا قاتناشماقتا، جەنۇبىي دېڭىز خەينەن بېلىقچىلىرىنىڭ <ئەجداد> دېڭىزى، ئۇلار نورمال بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قوغدىنىش مەشقىنىڭ نېگىزلىك مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى قوغداش ئۈچۈن»، دېدى لو باۋمىڭ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر