باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يېڭى بەش يىللىق پىلانىدا ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىتى تەڭشەلدى

2016.03.08 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىدا قاراپ چىقىلىۋاتقان «خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات 13-بەش يىللىق پىلان تېزىسى (لايىھە)»دە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دانلىق زىرائەتتە ئاساسەن ئۆز ئۆزىنى قامداش، ئاشلىقنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  لايىھەدە يەنە، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق، كاپالەت تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈنۈملۈك تەمىناتى شەكىللەندۈرۈلۈش كۆرسىتىلدى.

  بۇ جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھەمدە خەلقئارا ئاشلىق بازىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشلىق سىياسىتىنى تەڭشەپ، يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنىڭ ئۆز قولىدا مەھكەم تۇرۇپ تۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر