باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2016.03.08 13:46   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلىلار 7 - چېسلا چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ قاتناشتى. شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، سەۋەنلىكتىن ساقلىنىشتا ئىقتىسادى قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي نۇقتىغا كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، ئېچىۋېتىلگەن، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنىڭ ياخشى مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىر خىل ئاساسى تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە خىزمەت ئۇسۇلى، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ئادەم، مالىيە كۈچىنى توپلىغىلى بولىدۇ، بۇ تەرەققىياتقا ئەڭ پايدىلىق، رەھبىرى كادىرلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەپەككۇر يولى ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئاممىنى قانۇنغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش، ئىشقا يولۇقسا قانۇنغا تايىنىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشقا يېتەكلەپ، قانۇنغا تايىنىپ ئىش قىلىش كەيپىياتى يارىتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بارلىق كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خىزمەتنى داۋاملىق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن قىلىش كېرەك، پارتىيە تەشكىلاتلىرى كادىرلارنى ھەم قاتتىق باشقۇرۇشى ھەم قىزغىن كۆڭۈل بۆلۈشى، ئىستىلى دۇرۇس، ئىرادىلىك كادىرلارنى قوغداپ، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، قابىلىيەتلىك مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا تاللاپ ئۆستۈرۈشى لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ فۇجيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋەكىللەر بەس-بەستە سۆز قىلدى، لى كېچياڭ پات-پات ۋەكىللەر بىلەن مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇلتۇر فۇجيەن ئۆلكىسى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋەزىيەتكە قارشى تېزلىشىپ، قىممەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ يىل تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۇرەككەپ، مۈشكۈل، بىرىنچىدىن، قۇرۇلۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دېڭىز بويى رايونلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ستراتېگىيەلىك تېرەش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، يېشىل ئىگىلىك، دېڭىز-ئوكيان ئىگىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش لازىم؛ ئىككىنچىدىن، بوشاشماستىن تىرىشىپ، كونا-يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ داۋاملىق ئالمىشىشىنى تېزلىتىش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق يېڭى ئىگىلىك يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يېتەكلەش، ئۆزگەرتىش ۋە ئۆستۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى، ئاۋال يولغا قويۇپ، ئاۋال سىناپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تەجرىبە توپلاش لازىم. تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىساد يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش لازىم. فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن جاپالىق ئىشلەپ، خەلققە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ ئەنخۇي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ دېجياڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىشچان، تەڭكەش، يېشىل، ئېچىۋېتىشچان، ھەمبەھىرلىنىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى-يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەرەققىيات ھەققىدىكى مۇھىم نەزەرىيە يېڭىلىقى، ئومۇملۇق، ئاساس، يىراق كەلگۈسىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كۆرسەتكۈچى. 13-بەش يىللىق پىلان، ھەتتا ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىدىن ئىبارەت چوڭ لوگىكىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ ئىككىنى ئۆگىنىش، بىرنى قىلىشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش؛ تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز، تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىناق بىللە تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 5-مارت ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى، بىز بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي، ئىزچىل ئىجرا قىلىشىمىز لازىم. يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن سەككىز يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى مول بولدى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بىز 1992-يىلىدىكى ئورتاق تونۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تەيۋەن مۇستەقىللىقى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە توسىمىز، تەيۋەندىكى بىر جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىدىغان بارلىق پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تېرىشىپ قوغداپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىمىز.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۇنشەن سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ۋەكىللەر ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە ماسلىشىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پائال پىكىر بايان قىلدى، ليۇ يۇنشەن مۇنداق دېدى: 13-بەش يىللىق ئىقتىساد جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالەتكە قانداق قاراش، قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ياخشى قىلىشتا، ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالەتنىڭ ئوبيېكىتىپ مۇقەررەرلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، ۋەزىيەتكە ماشلىشىش كېرەك، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قانۇنىيەتلىك، ئىلمىي ئىش قىلىپ، خىزمەت رېتىمىنى مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى سىياسەت تۈزۈش ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرىشىدا گەۋدىلەندۈرۈش لازىم، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە يېتەرسىزلىك ئېڭىىنى ئاشۇرۇپ، ئاچقۇچنى تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەمىنلەشنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلەپنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقى ۋە جانلىقلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، زېمىنىمىزدىكى مەسۇلىيەتنى ئىجادچانلىق بىلەن ئادا قىلىشىمىز لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتشتە، ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش پارتىيىمىزنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشتىن نامايەن بولىىدىغىنى پارتىيەنىڭ باش مەقسىتى، بۇ ئەڭ چوڭ سىياسىي، سىياسىدىن ئايرىلغان ئىقتىساد بولمىغىنىدەك ئىقتىساددىن ئايرىلغان سىياسىي بولمايدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ خوشال بولغان بولمىغىنى، رازى بولغان بولمىغىنى، قوشۇلغان قوشۇلمىغىنىنى __ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، بەشىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلىشىدىكى مەسۇلىيەتنى بىرمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قانتاشتى. ئۇ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، گۇاڭشىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتتا ئېرىشكەن يېڭى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ گۇاڭشىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەرەققىياتتىكى بەش چوڭ يېڭى ئىدىيە ئارقىلىق گۇاڭشىنىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى يۆلىنىش»تىكى تەلەپنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش موتور»، «ئۈچ رايوننى بىر تۇتاش پىلانلاش»نى بىرىكتۈرۈپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكۈلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىنى ياخشى قىلىپ، گۇاڭشىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگ…
      ·شىنجاڭدىكى ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىشنى باشلايدۇ
      ·ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128  ئوقۇغۇچى پەيزاۋاتقا كېلىپ ئوقۇتقۇچىلى…
      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)