باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېلو قوبۇل قىلىش سانى يىلدىن-يىلغا ئازايدى

ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىندى

2016.03.08 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر 7-مارت ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە كونترول قىلىنغان. داۋاملىق يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق جازالاش ۋە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تەدبىرىنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىغا ئەگىشىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بۇ خىلدىكى دېلونى قوبۇل قىلىش سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. 2015-يىلى، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەت دېلوسى 853، ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر 1362 ئادەم بولۇپ، 2010-يىلى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان دېلو 1919، ھۆكۈم قىلىنغان ئادەم 3631 بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەش كۆلىمى ئايرىم-ئايرىم 55.55% ۋە 62.49% بولغان. ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئالدامچىلىق قىلىش بىلەن بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىنىڭ تۆۋەنلەش دائىرىسى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ ئەمما، ئاتا-ئانىسى بالىلىرىنى سېتىش ياكى تاشلىۋېتىش ئەھۋالى گەۋدىلىك بولغان.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان باسقۇنچىلىق جىنايىتى دېلوسى 66 مىڭ 736، ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر 62 مىڭ 551 ئادەم؛ ئاياللارغا زورلۇق بىلەن پەسكەشلىك قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسى 6450 بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق 6691 ئادەم جازالانغان؛ بالىلارغا پەسكەشلىك قىلىش جىنايىتى دېلوسى 7610 بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق 6620 ئادەم گە جازا ھۆكۈم قىلىنغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2015-يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باش بولۇپ « ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، ئائىلە زوراۋانلىقىنى بايقاش، ئارىلىشىش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇردى. بۇ ھۆججەت ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە زوراۋانلىقى جىنايىتىنى توسۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر