باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

دېڭىز بېلىقى كىشىلەردىكى خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتىنى پەسەيتەلەيدۇ

2018.10.19 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، شەمشەر بېلىق، ساردىن بېلىقى قاتارلىق دېڭىز بېلىقلىرى تەركىبىدىكى ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتىنى پەسەيتەلەيدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرەلەيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 دۆلەتنىڭ 19 تۈرلۈك تەتقىقات چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلدى، سانلىق مەلۇماتلار خامۇشلۇق كېسىلى، زەخىملەنگەندىن كېيىن سېزىمى توسالغۇغا ئۇچۇراش، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان 2240 بىمارغا چېتىلغان بولۇپ، نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى گىرامدىن يۇقىرى ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى (1.5 تال شەمشەر بېلىقى) سۈمۈرگەن سىناققا قاتناشقۇچىلارنى سۈمۈرمىگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك پەسىيىپ، كەيپىياتى بىر ئاز ياخشىلانغان، «يېمەكلىك بىلەن داۋالاش» ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولغان.

  ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسەللىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماتسۇ ئوكانىڭ دېيىشىچە، ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دوكوساھېكسائېنوگىك كىسلاتا (DHA) ۋە ۋە تىمنودونىك كىسلاتا (EPA)غا بۆلۈنىدىكەن، ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى ئادەم تېنىدە بىرىكىپ ئورۇن ئالىدىغان زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تەۋە بولۇپ، كۆپ خىل داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش رولى بار ئىكەن. نۆۋەتتە، ھايۋانات تەجرىبىسىدە ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ چوڭ مېڭىدە ۋەھىمە پەيدە بولىدىغان رايوننى تىزگىنلەش فۇنكسىيەسى بارلىقى ئىسپاتلاندى. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن يەنىمۇ كەڭ كۆلەملىك كىلىنىكىلىق تەجرىبىلەر قانات يايدۇرۇلىدىغان بولۇپ، پىسخىك كېسەللىكى بىمارلىرىنى ئەمدى كۆپلەپ دورا ئىشلەتمەيمۇ داۋالىغىلى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر