باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىكى يەتتە تۈرلۈك خاتالىق

2018.06.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا يۈرەك جەمئىيىتى ئورگان تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ساننىڭ يۇقىرى چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن بولغان يەتتە خىل خاتالىقنى خۇلاسىلىدى:

  1. كىچىك تەرەتنى قىسىش سىماب تۈۋرۈكىدىكى قان بېسىمى سانىنىڭ 10دىن 15 مىللىمىتىرغىچە يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا، قان بېسىمىنى ئۆلچەشتىن بۇرۇن ئاۋۋال كىچىك تەرەت قىلىۋېلىش كېرەك.

  2. ئولتۇرۇش قىياپىتى توغرا بولماسلىقمۇ ساننىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇققا يۆلىنىپ، ئىككى پۇتنى پولغا تەكشى قويۇش لازىم.

  3. بىلەكنى بوشلۇقتا تۇرغۇزۇپ ئۆلچىگەندە ساننىڭ 10 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى يۇقىرى بولۇشىنى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار، بىلەكنى ئۈستەل ئۈستىگە تەكشى قويۇش، يەڭ بەلبېغىنى يۈرەك بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ، ئاندىن ئۆلچەش كېرەك.

  4. يەڭ بەلبېغىنى كىيىم ئۈستىگە كىيدۈرۈپ قويغاندا، سىماب تۈۋرۈكىدە ئوقۇلغان سان ئەمەلىي ساندىن بەشتىن 50 مىللىمېتىرغىچە يۇقىرى بولىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، ئەڭ ياخشىسى بىلەكنى يالىڭاچلاش لازىم.

  5. يەڭ بەلبېغى بەك كىچىك، بەك تار بولسا، خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا چوڭ-كىچىكلىكى مۇۋاپىق يەڭ بەلبېغىنى تاللاش كېرەك.

  6. قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە، باداشقان قۇرۇپ ياكى پۇتنى ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرغاندا، سىماب تۈۋرۈكىدە ئوقۇلغان سان يۇقىرى بولۇپ قالىدۇ.

  7. كۆرسەتكۈچتىكى ئوقۇلغان ساننىڭ ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن، قان بېسىم ئۆلچىگەندە سۈكۈتتە تۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر