باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو ھازىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىشتىكى ئەڭ ئاكتىپ دۆلەت بولۇپ قالدى

2018.06.22 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا بوستون مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ 20- ئىيۇن فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: جۇڭگو ھازىر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى قوللىنىشتىكى ئەڭ ئاكتىپ دۆلەت بولۇپ قالدى.

  سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى قوللىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: بوستون مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ داڭلىق بازار تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئىپسوس بىلەن بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان ئارىلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئارىسىدا، ٪31 كىشى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق كارخانىلار ياكى ئاپپاراتلاردا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ نىسبەت پۈتۈن دۇنيا دائىرىسى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر