باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەھسۇلات بەلگىسىگە بولغان بىلىش دەرىجىسى ئۆرلىدى

2018.06.22 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو زەنجىرسىمان تىجارەت جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر جەمئىيەت 2015- يىلدىن 2017- يىلىغىچە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قاتاردىكى شەھەرلەردە تۇرۇشلۇق ئىستېمالچىلارنىڭ يېشىل ئىستىمال ئېڭىنى ئىزلاپ تەكشۈرگەن بولۈپ، نەتىجىدە، ئىستېمالچىلارنىڭ سىجىل مەھسۇلات بەلگىسىگە بولغان بىلىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈم بەلگىسىنى بىلىش نىسبىتى %78تىن %89كىچە ئۆرلىگەن، يېشىل يېمەكلىكلەرگە بولغان بىلىش نىسبىتى %58تىن %83كە يەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو زەنجىرسىمان تىجارەت جەمئىيىتى 2013- يىلى «جۇڭگو پارچە سېتىش كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىستېمال يۇمىلاق ئۈستىلى»نى قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەمىنلەش زەنجىرىنى، ھەمدە سىجىل تىجارەت ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىستېمال ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر يىلى سىجىل ئىستېمال تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. نەتىجىدە، ئۇنىڭ 2013- يىلىدىكى قاتنىشىش دائىرىسى تۆت شەھەردىكى 80 دۇككاننى قاپلىغان، 2017- يىلىغا بارغاندا، 120 شەھەردىكى 1500 دۇككانغىچە كېڭەيتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر