باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلارنىڭ تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز ئامال

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ

2017.07.27 17:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى نۇرغۇن ئاتا–ئانىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان ئىش. ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولغان يېڭى يېمەكلىكلەرنى رەت قىلىپ، ماي ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ يېيىش، ئوزۇقلۇق ماددا تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆۋەندە بالىلارنىڭ تاماق تاللايدىغان يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى سەككىز ئەپچىل چارىنى كۆرۈڭ باقايلى.

  1. يېمەكلىكلەرگە ئادىل ئورۇن بېرىڭ. ئاتا-ئانىلار يېمەكلىكلەرگە ئەقلىي مۇئامىلە قىلىشى، مەلۇم يېمەكلىكنى ئەلا دەرىجىلىك، مېزىلىك، ماۋۇ يېمەكلىكلەر تۆۋەن دەرىجىلىك، يېيىشلىك ئەمەس، دېمەسلىكى لازىم. ئەگەر قورۇما ھەقىقەتەن ئوخشىمىغان بولسا، بۇ پەقەت قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ ئۆزىنى ئەيىپلەشكە بولمايدۇ.

  2. يېمەكلىك بىلەن ساغلاملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈڭ. بالا تەربىيەلەشتە، ساغلام يىمەكلىك بىلەن ساغلام بولغان ئادەمنى تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ. تاماق تاللىماسلىق ۋە بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى، كۈچى، چىرايى قاتارلىق ئەھمىيەت بېرىدىغان نىشانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈڭ، ھەمدە مۇۋاپىق مىساللار ئارقىلىق تاماقنى ياخشى يېمەسلىكنىڭ زىيىنىنى ئىسپاتلاپ بېرىڭ.

  3. بالىلارنى يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشقا قاتناشتۇرۇڭ. بالىلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك چۈشىنىشى پىسخىكىلىق تونۇشىنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىلىق. مەسىلەن، بالىلارغا كۆكتاتلىقتىكى كۆكتاتلارنىڭ قانداق ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش؛ چوڭلارغا ياردەملىشىپ كۆكتات تاللاش ۋە يۇيۇش، چوڭراق بالىلار ئۆزى سوغۇق سەي ئىتىش؛ ئۆز قولى بىلەن كۆكتات، مايسا، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى قاتارلىقلارنى تىكىش قاتارلىقلار. بالىلار ئۆزلىرى ئىشلەشكە قاتناشقان يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

  4. باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشىدىن ساقلىنىڭ. ئەگەر يېنىڭىزدا تاماق تاللايدىغان بالىلار ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەر بار بولسا، ئاتا-ئانىلار بۇنداق قىلىشنى قوللىماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا پاراڭلاشسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە بولىدۇ. باشقىلارنىڭ بالىلىرى ئەخلەت يېمەكلىك يېيىشكە ئامراق بولسا، تەنقىد قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى، بالىسىغا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈشنىڭ ئۇ ئائىلىنىڭ يېمەك-ئىچمەك سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش لازىم. بالىلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ئۆيىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلىرىنى، ئۆزگىچە قورۇمىلىرىنى، ساغلام ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلىرىنى ماختىشى لازىم.

  5. تاماق تاللاشقا ۋەزمىنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. ئەگەر بالىڭىز تاماق تاللىسا، قارشىلىق كۆرسىتىش كەيپىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنداق ھەيران قېلىپ، ھەددىدىن ئارتۇق تەنقىد قىلماڭ. لېكىن مەيلىگە قۇيىۋېتىپ ئىلھاملاندۇرماڭ، بالىڭىزدىن بۇ قورۇمىنىڭ نېمىشقا يېيىشلىك ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ، ئاندىن بالىڭىزغا كېلەر قېتىم قورۇمىنى تېخىمۇ ياخشى قورۇيدىغانلىقىڭىز ۋە تەمىنى تەڭشەيدىغانلىقىڭىزغا ۋەدە بېرىڭ. باشقىلارغا بالىڭىزنىڭ مەلۇم يېمەكلىكنى يېمەيدىغانلىقى ياكى بەك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلىقىنى ئېيتماڭ.

  6. قورۇما قورۇش ۋە تەمىنى تەڭشەش ئۇسۇلىنى ياخشىلاڭ. تاماقنى تېخىمۇ مەززىلىك قىلىپ، چىرايلىق قاچا-قۇچىلارغا ئۇسۇڭ؛ يېمەكلىكنى بالىڭىزنىڭ ئېلىپ يېيىشىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك كىچىكرەك توغراڭ. تەمى يېقىشلىق، شەكلى ئوماق بولسىلا، بالىلار ئادەتتە خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.

  7. بالىڭىز بىلەن بىللە يېمەكلىك ئېلانلىرىنى تەھلىل قىلىڭ. بالىلارنىڭ كۆپچىلىككە ئەگىشىشى ۋە قىزىقىشى كۈچلۈك بولىدۇ، ئاسانلا ئېلاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئىمكانقەدەر ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ ئېلانلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقى كېرەك. ئەگەر ساقلانغىلى بولمىغاندا، دائىم يېتەكلەپ، بالىلارغا كۆپ ئېلان قىلىنغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ساغلام يېمەكلىك بولۇشى ناتايىن ئىكەنلىكىنى، كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان تەملەر ئىچىدە ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسىلەرنىڭ بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش لازىم.

  8. ھەربىر ئىلگىرلەشنى ئىلھاملاندۇرۇڭ. ئەگەر بالىلار بۇرۇن يېمەيدىغان نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلسا، ياكى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان مەلۇم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكتىن ۋاز كەچسە، ئاتا-ئانىلار روھىي جەھەتتىن مۇۋاپىق مۇكاپاتلىسا، ياكى يېمەكلىكتىن باشقا شەكىلدە ئىلھاملاندۇرسا بولىدۇ.

  ئەگەر بالىڭىز ھەقىقەتەنمۇ بەزى نەرسىلەرنى يېمىسە، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ: ئۇ يېمەكلىكنى قىيما قىلىپ، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ئوراپ قويۇڭ؛ باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىپ، دىققەتنى تارتمايدىغان شەكىلدە يېگۈزۈڭ؛ ئوخشاش ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان باشقا يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈڭ؛ بالىلار تەم جەھەتتە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئاشخانىلارنى تېپىپ، تەركىبىدە بۇ خىل يېمەكلىك بار قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر