باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش مۇنبىرى كامبودژادا ئۆتكۈزۈلدى

2017.07.26 15:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 11- نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە نامراتلىقنى ئازايتىش مۇنبىرى 25-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن كامبودژانىڭ سېمرېياپ شەھىرىدە ئىچىلدى. جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 10 دۆلەتتىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس ئالىملار، تاراتقۇلار، جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى، غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلىدىن بولۇپ 120 دىن كۆپرەك كىشى مۇنبەرگە قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر ئۇچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ،، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن نامراتلىقنى ئازايتىش قارشى ۋە سىياسىتى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيىتى، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنىڭ يولى، 2030- يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئىلىپ باردۇ، ھەمدە رۇنتائىن ئېكولوگىيە كەنتى قاتارلىق تۈرلەردە تەكشۈرۈش ئىلىپ باردۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر