باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرى سۇرىيەنىڭ پايتەختىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى توقۇنۇش پەسەيتىلگەن رايونغا يەتكۈزۈلدى

2017.07.26 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىشنى ياراشتۇرۇش مەركىزى 25-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان ئاپتوموبىل كالونى شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى شەرقىي گۇتا رايونىغا كىردى. بۇ، بۇ رايون توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن كۈتۈۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي ئەشيا بولۇپ ھېسابلاندى. بۇ ماددىي ئەشيالار جەمئىي 10 توننا دورا ۋە يېمەكلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇنداق دېدى: سۇرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر توقۇنۇش پەسەيتىلگەن رايون بولغان شەرقىي گۇتا رايونىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى قانداق يولغا قويۇش، مەزكۇر رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى كېڭەشمەكتە. شۇ كۈنى، سۇرىيە ئارمىيە تەرەپ شەرقىي گۇتا رايونىدا ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىنى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ شۇ كۈنى سائەت 12 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر