- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشتە بىڭتۈەنگە 226 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىندى
2017.07.26 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرنىڭ بىڭتۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بىڭتۈەندە ئەمەلىيلەشكەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى جەمئىي 416 گە يەتكەن، بۇنىڭغا جەمئىي 226 مىليارد 970 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، نەقلەشكەن مەبلەغ 31 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.1 ئاشقان. بىڭتۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لېي مېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىڭتۈەننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىشخانىسى ئىزچىل خېرىدار جەلپ قىلىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى ئەڭ مۇھىم ئىش، دەپ بىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردە زىيارەت قىلىپ، تەجرىبە ئۆگەنگەن ۋە شۇ جايلاردا سودىگەر جەلپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر