- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەتتى
2017.07.25 15:25 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) 24-ئىيۇل مالاسىيانىڭ پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا «دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر دوكلاتى» نىڭ يېڭىلانغان مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى 0.1 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىتىپ، %6.7 كە، كېلەر يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسنى 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئۆرلىتىپ، 6.4 كە يەتكۈزدى.
بۇ، IMF نىڭ بۇ يىل جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2017-يىللىق ئېشىش كۆزلىمىسىنى 3-قېتىم ئۆرلىتىشى ھېسابلىنىدۇ. IMF مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىم جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆرلىتىشتە ئاساسلىقى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل 1-پەسىللىك ئىپادىسىنىڭ ياخشىلىقى ھەم كەلگۈسىدە مالىيە مەدىتىگە داۋاملىق ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بارلىقى نەزەردە تۇتۇلدى.
IMF مۇنداق قارىدى: دۇنيا ئىقتىسادى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ، بۇ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %3.5، كېلەر يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %3.6 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ 4-ئايلىق مۆلچەر قىممىتى بىلەن بىردەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر