- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ 25 ئەزاسىنى قولغا ئالدى
2017.07.25 14:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىدارىمىز بىلەن ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 22-ئىيۇل كېچىدىن 23-ئىيۇل سەھەرگىچە داۋاملاشقان تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق ھەرىكىتى، يەنى خاماسنىڭ 25 ئەزاسىنى قولغا ئالدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: 14-ئىيۇل ئېرۇسالىم قەدىمىي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى خاماس سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، خاماس بۇ ھەرىكەتنى «قەھرىمانلىق»، «زۆرۈر ئىش» دېدى ھەمدە مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق ئېتىراز بىلدۈرۈشكە كۈشكۈرتتى. تۇيۇقسىز زەربە بېرىشنىڭ مەقسىتى توقۇنۇشنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر