سۈرەتتە: «قىزىل ئىبىس» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىردىن كۆرۈنۈشخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئىيۇل كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت يەتتىدە، چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكى «قۇياش نۇرىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»نىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.
5-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىي ئۇسسۇل بايرىمىغا مەخسۇس قاتناشتۇرۇلغان، 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا ئوينىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، شاڭخەي ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ تۆت يىللىق ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولغان «قىزىل ئىبىس» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر 22-ئىيۇل كەچ شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا ئوينالدى. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى