- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىكى 23 نۇقتىلىق ساياھەت ئورنىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى
2017.07.26 15:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىزنىڭ 24-ئىيۇل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭدىكى 23 نۇقتىلىق ساياھەت رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى، ئىشىك بېلىتى كىرىمى ۋە ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ كۆرۈنەرلىك ئاشقان، ئېشىشى نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %23، % 27 ۋە %60.86 بولغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، جانبۇلاق، دۇشى ساياھەتچىلىكى ۋە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن؛ نارات، قاناس، جانبۇلاق، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى مەنزىرە رايونى، دۇشى ساياھەتچىلىكى، رەڭلىك ساھىل ۋە سايرام كۆلى مەنزىرىلىك رايونىنىڭ ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمالىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %90 بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر