- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىران قولغا ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى
2017.07.25 14:21 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىراندىن قولغا ئېلىنغان ئامېرىكا پۇقراسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى «ئارىلىشىۋېلىش قىلمىشى»، «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بەھرەم قاسىمى مۇنداق دېگەن: ئىران ئەدلىيەسى مۇستەقىل، ئىراننىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغان ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئىشلىرى خاتا ھەم قانۇنسىز.
ئىران ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ 16-ئىيۇل ئىسپاتلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر پۇقراسى جاسۇسلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىران سوتىدا 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئامېرىكا شۇ كۈنى ئىراننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىران ئويدۇرۇپ چىقارغان، دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر