باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2017.07.25 14:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل 5-ئايدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىكى نەتىجىلەرنىڭ بىرى-ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا قۇرۇلدى.

  ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان رايون خاراكتېرلىك ھۆكۈمەتسىز، پايدا ئالمايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئاساسلىقى ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلە كەسپىي تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن. تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزالىرى بەش قىتئەدىكى 27 دۆلەت ۋە رايوننىڭ 107 ئاپپاراتىنى ئۆزئىچىگە ئالغان، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان. جەمئىيەتنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش باشلىقى تيەن گولى مۇنداق دېدى: بىز دائىملىق ئەزالارنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئۇچۇردىن ھەمبەھىرلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون پۇل مۇئامىلە ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئاملىسى ۋە يېشىل پۇل مۇئامىلەنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلەگە ئەقىل-پاراسەت كۆرسىتىشىمىز ۋە ئۇنى لايىھە بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. بىز ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى رايون پۇل مۇئامىلە ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، رايون پۇل مۇئامىلە ئۆلچىمىنى تۈزۈشنىڭ باشلامچىسى، رايون پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىغۇچى، دۇنيا پۇل مۇئامىلىسىنى ئىدارە قىلىشنى تەڭ بەرپا قىلغۇچى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، رايون ھەتتا دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناشقا تىرىشىمىز.

  پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان سىستېمىلىق خەيىم-خەتەر ھامان ئايرىم پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ يامرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. 1997-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، 2008-يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ھېلىھەم ئېسىمىزدە. پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ئايرىم، قىسمەن پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ شەكىللىنىشى، يامرىشى ھەتتا سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشتە ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنىدا، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتى كېڭىشى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى تەشەببۇس قىلدى. جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ياڭ زەيپىڭ مۇنداق دېدى: ئاسىيا پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش مەقسىتى «بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ باشقۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش». جەمئىيەتنىڭ مەركىزى خىزمىتى ھەمكارلىقنى چۆرىدەپ ئىشلىنىدۇ. «تەڭ باشقۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش»-بىر قاتار تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، ئەزالار جەمئىيەتنى بىرلىكتە باشقۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ مۇلازىمىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر