باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىدە، يەتتە ئۆلكە-شەھەرنىڭ 375 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسى بېكىتىلدى

تىزىملىك شەكلىدىكى بەلگىلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، جايلارنىڭ تۈزىتىش سىجىللىقىغا كۆز تىكىلدى

2017.07.26 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نازارەت قىلىشتا-تۈزىتىشتە كۈچىمىگەن جايلار ۋە گەۋدىلىك مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرى جانلىق، دەل چېكىش شەكلىدە نازارەت قىلىنىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركەزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلغان يەتتە ئۆلكە-شەھەر 25-ئىيۇل نازارەت قىلىش-تۈزىتىش لايىھەسىنى سىرتقا ئاشكارىلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى گۇرۇپپىسى 2016-يىلى 11-ئايدىن 12-ئايغىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، شەنشى، گەنسۇدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە-شەھەردە 2-تۈركۈمدىكى مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى ھەم بۇ يىل 4-ئايدا نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، قايتما ئىنكاس قىلدى. قايتما ئىنكاستىن كېيىن، يەتتە ئۆلكە-شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نازارەت قىلىش-تۈزىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلدى. ھازىر تۈزىتىش لايىھەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەكشۈرۈپ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى.

  يەتتە ئۆلكە-شەھەر نازارەت قىلىش-تۈزىتىش لايىھەسى بويىچە بىردەك تىزىملىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى گۇرۇپپىسىنىڭ قايتما ئىنكاس پىكرىنى تەپسىلىي رەتلەپ، جەمئىي 375 تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ 47، شاڭخەي شەھىرىنىڭ 46، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ 84، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ 43، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ 37، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ 59، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 59 تۈرى بار.

  تۈزىتىش تەدبىرى ئاساسلىقى: يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ۋە مۇھىت ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش؛ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق مۇھىتىنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، گەۋدىلىك مۇھىت ئاسراش مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش؛ مۇھىت ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى ئاساسلىقى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، تۈزىتىش تەشۋىقاتى سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈزىتىش لايىھەسىدە يەنە جاۋابكار ئورۇنلار، تۈزىتىش نىشانى، تۈزىتىش تەدبىرلىرى ۋە تۈزىتىش مۇددىتى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تىزىملىك تۇرغۇزۇش، نازارەت قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈگىتىپ ئۆچۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، تەكشۈرەلەيدىغان، باھالىيالايدىغان ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرەلەيدىغان بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر