باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى تىنچلىق ئەربابلىرى كورېيەگە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى تۇردى

2017.07.26 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساد سىستېمىسىنى بىكار قىلىپ، سۆزلىشىش ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرايلى. كورېيەدە زىيارەتتە بولغۇچى ئامېرىكىلىق تىنچلىق ئەربابلىرى بولغان ئىتتىپاقلىق تىنچلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى 25-ئىيۇل سېيولدا بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيەدىكى ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە بۇ سىستېمىنىڭ رايون مۇقىملىقى بىلەن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىغا پايدىسىز دەپ تەنقىد قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كورېيەدە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش رايون ھەربىي ئىشلار جىددىي ۋەزىيتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھازىرلىقلار مۇساپىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كورېيەدە ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئاتالمىش كورېيە پۇقرالىرىنى قوغداش رولىنى ئوينىيالماستىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى نازارەت قىلىدۇ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ بىرى قىسمى .

  ئىتتىپاقلىق تىنچلىق ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ بايانات 80 دىن كۆپرەك ئامېرىكا ، خەلقئارا تەشكىلات ۋە ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق سىياسىيون قاتارلىق 270 دىن كۆپرەك ئاتاقلىق ئەربابنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر