باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولدى، بىرلەمچى كەسىپلەرنىڭ پايدىسى ئاشتى، تاشقى سودا بازىرى جانلىنىشقا باشلىدى

سانائەتنىڭ ئەھۋالى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى ھالەتنى كۈتۈۋالدى

2017.07.26 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-ئىيۇل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.9، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، 2015-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ ياخشى ھالەتتە تۇرغان.

  سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ياخشى ۋەزىيەت داۋاملاشقان. بىرىنچىدىن، سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز تېزلەپ، مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولغان. 6-ئايدا كۆلەملىك سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى % 7.6كە يېتىپ، ئۇدا 14 ئاي %6تىن يۇقىرى بولغان. ئىككىنچىدىن، بىرلەمچى ساھەنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق ياخشىلانغان. ئۈچىنچىدىن، خەلقئارا تاشقى سودا بازىرى جانلىنىشقا باشلاپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كۆلەملىك سانائەتتە ئېكىسپورتقا تاپشۇرۇلغان مال قىممىتى % 10.9 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  ساھە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ياخشى كۈچلەر ئاشقان. بىرىنچىدىن ئىلغار ياسىمىچلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى پائال ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلېكتىرون ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %13.9، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %10.9 ئاشقان. ئىككىنچىدىن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمى تېزلىگەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تېلېۋىزور قاتارلىقلار تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ئۈچىنچىدىن يېڭىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13.1 ئېشىپ، پۈتۈن سانائەت كەسپىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.

  رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ياخشى ئاساس مۇستەھكەملەنگەن. شەرقىي رايوندىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان ئۆلكىلەرنىڭ سانائىتىنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولغان، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي رايوندىكى ئۆلكىلەردىمۇ ياخشى ھالەت شەكىللەنگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر