- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھىندىستان زۇڭتۇڭى رام.نات.كوۋىند قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى
2017.07.26 15:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھىندىستان زۇڭتۇڭى رام.نات.كوۋىند 25-ئىيۇل يېڭى دېھلىدىكى پارلامېنت بىناسىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
17-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن ھىندىستان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، كوۋىند % 65دىن كۆپرەك ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى. ئۇ ھىندىستاننىڭ 14- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ، شۇنداقلا ناراياناندىن كىيىن دۇنياغا كەلگەن تۆۋەن قاتلامدىن چىققان ھىندىستاننىڭ يەنە بىر زۇڭتۇڭى. ئۇ بۇ يىل 71 ياشتا بولۇپ، ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزاسى، شۇنداقلا داڭلىق ئادۋوكات. ئۇ 1994- يىلدىن 2006- يىلغىچە فېدېراتسىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2015- يىلى بىخار ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر