- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەت قاتار بىلەن ئالاقىسى بولغان تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىكىنى كۆپەيتتى
2017.07.26 15:33 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەئۇدى ئەرەبىستانى، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرايىن 25-ئىيۇل بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان قاتار بىلەن ئالاقىسى بار تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىكىگە يەنە توققۇز شەخسى ۋە توققۇز ئورگاننى قوشقانلىقىنى جاكارلىدى.
يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن ئورگانلارنىڭ ئۇچى يەمەندە، ئالتىسى لىۋىيەدە بولۇپ، ئايرىم ئايرىم ھالدا بازا تەشكىلاتى ۋە سۇرىيەدىكى تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلەندى. تۆت دۆلەتنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ تەدبىر تۆت دۆلەتنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەسەبىيلىككە داۋاملىق تىرىشىپ زەربە بېرىپ، تېررورچى تەشكىلاتنىڭ مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر