باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جىگەرنى ئاسراشتىكى ئالتە ھالقىلىق نۇقتا

2017.07.12 09:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېمىزلىك ۋە ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىدە، ھازىر جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ غەيرىي-ئىسپىرت خاراكتېرلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ خىل كىسەل ئەگەر ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىغاندا، ئەھۋال تەدرىجىي يامانلىشىدۇ، ھەتتا جىگەر كۆچۈرۈپ داۋالاش لازىم بولىدۇ. يېقىندا, ئامېرىكا MSNتورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، جىگەرنى قوغداشتىكى ئالتە ھالقىلىق نۇقتا خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى: سافادىن تۇرۇپ كېتىپ، ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇڭ. تەنھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلىنىش جىگەرنى ئاسراشتىكى ھالقىلىق نۇقتا. يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جىگەرنى ئاسراشتا تېخىمۇ كۆپ چېنىقىش كېرەك بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك ئىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە, جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ غەيرىي-ئىسپىرت خاراكتېرلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرۇشتا گەرچە قاتتىق چىڭ تۇرمىسىمۇ، پەقەت سافادىن قوپۇپ كېتىپ، پات-پات ھەرىكەت قىلىپ تۇرسىلا, جىگەردىكى ئارتۇقچە ماي ئازىيىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن, تاماق يەپ بولۇپلا شۇ ئولتۇرغانچە ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرىۋەرمەڭ، ماشىنىنىمۇ ئۆيىڭىزگە سەل يىراقتىراق يەرگە توختىتىپ، كۆپرەك پىيادە مېڭىپ بەرسىڭىز ياخشى.

  ئىككىنچى: بەل ئايلانمىسىنى ئورۇقلىتىڭ. بەل ئايلانمىسىنى مۇۋاپىق ساقلاش بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ نورماللىقى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم. 2016- يىللىق بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 89 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 102 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتسە، جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى غەيرىي-ئىسپىرت خاراكتېرلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن, ئادەتتە بەل ئايلانمىسىنى پات-پات ئۆلچەپ تۇرش، ھەمدە نورمال دائىرىدە ساقلاشقا تىرىشىش كېرەك.

  ئۈچىنچى: قەھۋە ئىچىپ بېرىڭ. قەھۋە بەلكىم جىگەرنى ئاسراشتىكى ئەڭ ياخشى «قۇۋۋەت يېمەكلىكى» بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى تەتقىقاتلاردا، تەتقىقاتچىلار قەھۋەنىڭ جىگەرنى قوغداش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە, ھەر كۈنى بىر نەچچە ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بېرىش جىگەرنىڭ تالالىشىش دەرىجىسىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. جىگەرنىڭ تالالىشىشى جىگەرنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن بولىدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا, كوففېئىن ئارىلاشتۇرۇلمىغان قەھۋە ۋە گۈل-گىياھ چېيى جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق ئىكەن.

  تۆتىنچى: بەدىنىڭىزنىڭ قەنت قوبۇل قىلىشىنى ئازايتىڭ. شېكەر بولسا، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىنىڭ ئىسپىرت مەنبەلىك بولمىغان باشقا بىر تۈرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان «باش جىنايەتچى»نىڭ بىرى، بولۇپمۇ مېۋە شېكىرىنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ چوڭقۇر، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بەلكىم مېۋە شېكىرىنىڭ بەدەندە ماددا ئالمتۇرۇشىنىڭ پۈتۈنلەي جىگەر ئارقىلىق بولىدىغانلىقى، ئەمما قومۇش شېكىرى ۋە گلۇكوزىنىڭ بولسا، ئوخشاش بولمىغان باشقا مېتابولىزم يولى ئارقىلىق بولىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بىراق، يېڭى مېۋىلەر تەركىبىدىكى فرۇكتوزا بولسا، جىگەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق. شۇڭا، باشقا ئوزۇقلۇق مەنبەسى تەركىبىدىكى فرۇكتوزا مىقدارىنى كېمەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش ھەمدە مېۋە قېقىنى ئاز يېيىش كېرەك.

  بەشىنچى: كەررى يەپ بېرىڭ. كەررى پاراشوكى تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق، بولۇپمۇ سېرىق زەنجىۋىل جىگەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق. سېرىق زەنجىۋىل تەركىبىدە بىر خىل ئاكتىپ تەركىب كۇركۇمىن بار. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇركۇمىن جىگەرنى ماي قاپلاشنىڭ غەيرىي-ئىسپىرت خاراكتېرلىك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا جىگەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنىنى كېچىكتۈرەلەيدىكەن.

  ئالتىنچى: ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسىنى تولۇقلاپ تۇرۇڭ. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە, ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى جىگەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن. ئۇنىڭ ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەر مەنبەسى ياۋايى رەڭلىك بېلىق، ترۇت بېلىقى ۋە ساردىن بېلىقى ئىكەن، ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى يېمەكلىك مەنبەسى چىللا ئۇرۇقى، زىغىر، كەندىر ئۇرۇقى، ياڭاق ۋە دادۇر قاتارلىقلار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر