باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەندە « تاماق، ياتاق مەسىلىسىنى يولۇچى ئۆزى ھەل قىلىش» خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى تىرانسپورتى زىددىيىتىنى ھەل قىلالامدۇ؟

2016.07.25 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە بېرىش تىلغا ئېلىنسا، بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ نەچچە ئىشتىن ئەندىشە قىلىشى مۇمكىن: ئايرودرومغا بارىدىغان يولدا توسۇلۇپ قېلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانغا كېچىكىپ قېلىش؛ ئايرودرومغا كېلىپ بولغاندا، ھەتتا ئاللىقاچان ئايروپىلانغا چىقىپ بولغاندا، بىر قانچە سائەت ساقلاپ، ئاخىرىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلدى دەپ ئۇقتۇرۇش، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان سەپەر پىلانى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە قالايمىقانلىشىش...

  يېقىندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئادەتتىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، نۇرغۇن تورداشلار بۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالدى، چۈنكى كىشىنى پاراكەندە قىلىدىغان ئىشتىن يەنە بىرى كۆپەيگەنىدى: بۇنىڭدىن كېيىن نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كېچىكسە، ئاۋىياتسىيە شىركىتى ياتاق، تاماق خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى مۇمكىن ئىكەن. يېڭى بەلگىلىمىنىڭ 29 - ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەندى، ھاۋا رايى، تـاسـادىـپـىي ۋەقە، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە يولۇچى قاتارلىق توشۇغۇچى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلسە ياكى بىكار قىلىنسا، توشۇغۇچى تەرەپ يولۇچىلارنىڭ تاماق ۋە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەمكارلىشىدۇ، خىراجىتىنى يولۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئەقەللىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئايروپىلان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلمىگەن بولغاچقا، بۇ مەسئۇلىيەتنى ھەقىقەتەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئەمەس، قانداقلا بولسۇن، بەزى تاسادىپىي ئەھۋاللارنى ئاۋىياتسىيە شىركىتى كونترول قىلالمايدۇ. پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، كۆپ ساندىكى تورداشلار چوقۇم توغرا چۈشىنىدۇ، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭمۇ خەلقئارالىق قائىدە بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، تورداشلارنىڭ نارازىلىقى قوزغىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولغان تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە تېخى مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىدى:

  بىرىنچى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىش سەۋەبىنى زادى كىم بېكىتىدۇ؟

  ئەمەلىي مەشغۇلاتتىن قارىغاندا، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان، مەلۇم بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى ناھايتى تۆۋەن ئىكەن. شۇڭا، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئۇچۇرىنى كۆپ ھاللاردا ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنىڭ يانفونىغا ئەۋەتىدىكەن. بۇ ھالدا يولۇچىلار قىسمەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ھاۋارايى ياكى باشقۇرۇش مەسىلىلىرىگە ئارتىپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلىدىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى ناھايىتى كۆپ، يولۇچىلارنىڭ گۇمانىغا قارىتا كىم، قانداق چۈشەندۈرۈشى كېرەك؟

  ئىككىنچى، كەڭ كۆلەمدىكى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ياتاق، تاماق ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئايرودروم ئەتراپىدىكى يانداشما ئەسلىھەلەر ئېھتىياجىنى قاندۇرالامدۇ؟

  ھاۋارايىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئەڭ ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يولۇچىلارنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ئايرودرومى ئەتراپىدىكى يېمەك - ئىچمەك، مېھمانسارايلارنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەل ئەمەس، ھەتتا بېيجىڭ پايتەخت ئايرودورومىنىڭمۇ كەڭ كۆلەمدىكى ئايروپىلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتى تولۇق ئەمەس. ئىلگىرى نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلسىلا، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىدا دائىم زوراۋانلىق، ئاۋىياتسىيە جېدىلى، تۆلەم ماجىراسى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈزبەرگەنلىكى ئاشكارىلىناتتى.

  ئۈچىنچى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىش نىسبىتى قاچان تۆۋەنلەيدۇ؟

  «تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەب»نىڭ ئېنىق قەرەلى يوق بولغاچقا، قارىماققا بىزنىڭ پەقەت تەقدىرگە تەن بەرمەكتىن باشقا ئامالىمىز يوق. ئەمەلىيەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ بۇ جەھەتتە ئىستىقبالى پارلاق. ئاۋىياتسىيە نازارەت قىلىش ئەھۋاللىرىنى دېمىگەندە، ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاۋىياتسىيە سىستېما بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەقىقىي «ناچار ھاۋا رايى» پەيدا قىلغان كېچىكتۈرۈلۈشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولدى، چەت ئەلدىكى بىر قىسىم ئايرودروملار بۇ جەھەتتە ئۈلگە بولالايدۇ. ئەمما ئېلىمىزنىڭ بىر يىلدىكى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىش نىسبىتى چەت ئەللەرنىڭكىدىن ٪ 30 يۇقىرى بولۇپ، ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايدۇ.

  «نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئادەتتىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى، يولۇچىلار بىلەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئارىسىدىكى تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇردى، لېكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاۋىياتسىيە كەسپىدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىش چۈشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى، ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، يولۇچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتى قاتارلىق جەھەتتە تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىم. بولمىسا «بەلگىلىمە»دىكى بەزى ماددىلار قارىماققا خۇددى بەزى تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا «ئارقا ئىشىك» ئېچىپ بەرگىنىگە ئوخشاش، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئەكسىچە يېڭى تالاش - تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر