باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ئالدامچىلىقلىرىنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟

2016.04.28 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گەرچە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ھەرخىل بولسىمۇ، بىراق ھامان بىر قىسىم ئوخشاشلىقلىرى بار. تۆۋەندە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى ئاگاھ بولۇشقا ئەسكەرتىمىز.

  [ئېنىق نىشانى يوق بولغان مەۋھۇم مالىيە باشقۇرۇش]

  «ئايدا %30تىن پايدا ئالالايسىز»، «10 مىڭ يۈەن بىر يىلدا 230 مىڭ يۈەنگە ئايلىنىدۇ»، «15 كۈنگە توشسىلا نەق پۇل ئالالايسىز»... بىر « MMMپۇل مۇئامىلە ھەمكارلىق مەھەللىسى» يۇقىرى سوممىلىق پايدىغا تايىنىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلغان.

  2015-يىلدىن بۇيان، بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان مەۋھۇم مالىيە باشقۇرۇش تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. بۇ تۈردىكى مالىيەت باشقۇرۇش تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى «ئۆز ئارا ياردەم بېرىش»، «ساخاۋەت»، «پاراۋانلىق» قاتارلىق ناملاردا بولۇپ، تايىنىدىغان ئەمەلىي تۈرلىرى يوق، ئېنىق مەبلەغ سېلىش نىشانى يوق، ئەمەلىي ئورگىنى يوق، پايدىسى كۆپ، ئۆلچىمى تۆۋەن، پايدىسى تېز بولۇشنى يەمچۈك قىلىپ، توختىماي يېڭىدىن مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق، ساختا يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىدۇ؛ تەشۋىق قىلىش، مەبلەغ ئايلاندۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر پۈتۈنلەي تورغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

  [P2P سۇپىسىدا تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ]

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېنتىرنېت تورى پۇل مۇئامىلىسى، بولۇپمۇ P2P تور كىرېدېت ئورگانلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت مەسىلىلىرى گەۋدىلىك بولدى. سەل ئىلگىرى ئاشكارىلانغان «ئى زۇباۋ» دىلوسىدا قانۇنسىز يىغىلغان مەبلەغ 50 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، 900 مىڭ مەبلەغ سالغۇچىغا چېتىلدى. بۇ خىل قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دىلوسىنىڭ ئالاھىدىلىكى: مەۋھۇم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئارقىلىق، يېڭى شەكىلدىكى پونزى ئالدامچىلىقى ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، سۇپىنىڭ ئانا شىركىتى ۋە ياكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىغا مەبلەغ يىغىدۇ؛ ئالدى بىلەن مەبلەغ يىغىپ، ئاندىن قەرز بېرىش ئوبيېكتىنى تېپىپ، خۇسۇسىي مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ پۇلىنى قانۇنسىز يىغىدۇ؛ بىر قىسىم سۇپىلار خۇسۇسىي مەبلەغ كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆزى مەبلەغ يىغىپ ئۆزى كېپىل بولىدۇ، خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش پۇلىنى بانكا نازارەت قىلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، بىراق مۇناسىۋەتلىك نازارەت ئۇچۇرلىرىنى تولۇق ئاشكارىلىماي، يۇقىرى ئۆسۈمنى يەمچۈك قىلىپ، مەبلەغ يىغىدۇ.

  [«كۈتۈنۈش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ياشانغانلارنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىش]

  2015-يىلى، چېڭجى دايى ناملىق بىر شىركەت دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايدا «كۈتۈنۈش تۈرى» نامىدا مەبلەغ يىغقان، نۇرغۇن ياشانغانلار ئالدىنىپ قاتناشقان، بىراق ئاخىرىدا ئۇ شىركەتنى تاپالمىغان. ھازىر نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىچىلىرى «كۈتۈنۈش» نامىدا قانۇنسىز مەبلەغ توپلىماقتا، بەزىلىرى كۈتۈنۈش ئۆيىگە مەبلەغ سېلىش، باشقا جايدا بىرلىشىپ كۈتۈنۈش نامىدا يۇقىرى پايدا، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يەمچۈك قىلىپ، ياشانغانلارنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىدۇ، بەزىلىرى كۈتۈنۈش لىكسىيەسى، ھەقسىز سىناش، ھەقسىز ساياھەت، كىچىك سوۋغات بېرىش قاتارلىق شەكىللەردە ياشانغانلارنى مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

  [پاي ھوقۇقىنى قانۇنسىز يىغىپ، ئەسلىي پاينى ئېلىپ-سېتىش]

  نۆۋەتتە، بىر قىسىم قانۇنسىز پاي ھوقۇقى يىغىش، ئەسلىي پاينى ئېلىپ-سېتىشتەك مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق ۋاسىتىلىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولماقتا. بۇ خىل ئالدامچىلىق دائىم چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىش نامىدا، يالغاندىن ياكى خەلقئارادىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ نامىدا تور بېكەت ياساپ ھەم توردا چېگرا سىرتىنىڭ فوندى، ئەسلىي پاي، چېگرا سىرتىدا بازارغا سېلىش، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، پېيى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى كەلگۈسى قىممەتنىڭ ئۆسۈشى ياكى مۆلچەر يۇقىرى پايدىنى ۋەدە قىلىپ، ئاممىنى كۆرسىتىلگەن شەخسىي ھېساباتقا مەبلەغنى يوللاشقا قىزىقتۇرۇپ، ئاندىن تور بېكەتنى تاقاپ، پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ.

  [يەرلىك سودا سورۇنلىرىدا مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى يېڭى نامدا ئاممىغا سېتىش]

  بۇلتۇر كۈنمىڭ فەنيا قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دىلوسى يۈز بەردى، ئوننەچچە رايونغا چېتىلىپ، نەچچە ئون مىليارد يۈەن مەبلەغ يىغىلدى. نۆۋەتتە، بەزى ئېلېكتىرون سودا سورۇنلىرى ھوقۇق بېرىلگەن مۇلازىمەت ئورگانلىرى ۋە تور سۇپىسى ئارقىلىق بەزى كەسىپلەرنى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتى نامىدا ئاممىغا سېتىپ، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يىللىق مۇقىم پايدا نىسبىتىگە ۋەدە بېرىپ، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا چېتىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر