باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>غەيرەت ئابدۇراخمان ئوزغار

«بۆرە توتېمى»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تەھرىرلىكىدىكى قىسمەن مەسىلىلەر ھەققىدە يۈزەكى مۇلاھىزە

قاسىمجان ئەخمىدى ئۆملۈك

2015.01.08 11:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


قىسقىچە مەزمۇنى: ماقالىدە «بۆرە توتېمى» ناملىق روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ تەھرىرلىكىدە ساقلانغان مەسىلىلەر، شۇنداقلا بۇ نۇقسانلارنى تۈزىتىش ھەققىدىكى ئۆزگىچە كۆزقاراشلار ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: بۆرە توتېمى ئۇيغۇرچە تەرجىمە- تەھرىرلىك مەسىلە مۇلاھىزە
摘要:本文对《狼图腾》维译中存在的问题,同时对纠正这些问题的独特见解通过实例加以提出并进行肤浅思考。
关键词:狼图腾 维译 编辑 问题 思考

تەھرىرلىك ئۇنىۋېرسال بىلىم، جۈملىدىن گىرامماتىكا، لوگىكا ۋە ئىستىلىستىكا جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر خىل جاپالىق خىزمەت. ھەرقانداق ئەسەر، مەيلى ئۆز تىلىدا يېزىلغان بولسۇن ياكى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەر بولسۇن، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈرۈشتىن بۇرۇن، مۇھەررىرنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەي مۇمكىن ئەمەس. نەشرىيات، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەر ئالدىدا زور جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇل مۇھەررىر ئەسەر ئۈستىدە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئەسەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى تەقدىم قىلىشتىن ئايانمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەسەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، جۇلالىنىدۇ. مۇشۇلارغا كۆرە نەشىردىن چىققان ئەسەرلەردە مەسىلە كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى. ئەمما، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىكى ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق مەسىلىلەر سېزىلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭغا شۇ ئەسەرنىڭ مۇھەررىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلىلەر ئارىگىنالدىكى مەسىلە بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى يازما ئېگىسىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى، ئەسەر ئاللىقاچان مەسئۇل مۇھەررىرنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى- دە. شۇڭا، مەسئۇل مۇھەررىر ئۆز زىممىسىدىكى ۋەزىپىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىقى، ۋاقىت قوغلىشىپ ئەسەرنى قول ئۇچىدىلا تەھرىرلەپ بولدى قىلماسلىقى كېرەك.
مەن خېلى يىللار ئىلگىرى «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «كوررېكتورلۇق — تەھرىرلىكنىڭ داۋامى» سەرلەۋھىلىك ماقالەمدە كوررېكتورلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى دېگەن ئىدىم، ھېلىھەم شۇنداق قاراشتىمەن. چۈنكى، كوررېكتورنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە كۆرە، سىگنال بىلەن ئارىگىنالنى ھەتتا پەش، چېكىتلىرىگىچە سېلىشتۇرۇش جەريانىدا (ئەگەر ئەستايىدىل بولسىلا) مۇھەررىرنىڭ «كۆزىدىن قاچقان» مەسىلىلەرنى بايقىيالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ يەردە كوررېكتور ئارگىنالغا خالىغانچە قەلەم تەگكۈزسە بولمايدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت ئۆزئارا ھەمكارلىقنى تەكىتلەپلا قويماقچىمەن، خالاس.
خوش، ئەمدى مەزكۇر يازمىمىزدا «بۆرە توتېمى» ناملىق ئەسەرنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىدىكى ئۆزىمىز بايقىغان قىسمەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يۈزەكى توختىلىپ ئۆتىمەن.
1- مىسال: «پولات ئۈزەڭگىلەردىن رېلىسقا تەگكەن بولقىنىڭ ئاۋازىدەك گۈلدۈر- قاراس ئاۋاز چىقىپ ئەتراپنى بىر ئالدى، قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك بىر سادا بۇ تىمتاس يايلاقلاردا بەئەينى ئادەمنى تېشىپ ئۆتىدىغان شەمشەردەك بۆرىلەر تەرەپكە قاراپ ئۇچتى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 11- بەت).
1- مىسالدا «گۈلدۈر- قاراس» دېگەن تەقلىدىي سۆز مۇۋاپىق قوللىنىلمىغان. چۈنكى «گۈلدۈر- قاراس»تىن ئىبارەت تەقلىدىي سۆز چوڭ، ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئۆرۈلۈشى، سۇنۇشى قاتارلىقلاردىن چىقىدىغان ئاۋازغا تەقلىد قىلىنىدىغان بولۇپ، 1- مىسالدا ئېيتىلىۋاتقان پولاتتىن ياسالغان ئۈزەڭگىنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇلۇشىدىن چىققان ئاۋازنى ئىپادىلەشتە، «جاراڭ- جۇرۇڭ» دېگەن تەقلىدىي سۆز قوللىنىلغان بولسا، مۇۋاپىق بولغان بولاتتى.
يەنە يۇقىرىقى مىسالدىكى «ئادەمنى تېشىپ ئۆتىدىغان» دېگەن ئىبارە «ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتىدىغان» دېيىلگەن بولسا، ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدىكى 刺耳辞别 دېگەن ئىبارە بىر قەدەر تولۇق ئىپادىلىنىپ، جۈملىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولاتتى
2- مىسال: «چېن جېن قولىدىكى ئۈزەڭگىنى يەنە بىر نەچچە قېتىم ئۇرغاندىن كېيىن، بۆرىلەر بۆرە شاھىنىڭ يېتەكلىشىدە دەرھال ئارقىغا بۇرۇلدى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 11- بەت).
بۇ مىسالدا «ئۇرغاندىن كېيىن» سۆزىنىڭ ئورنىغا «سوقۇشتۇرغاندىن كېيىن» سۆزى قوللىنىلغان بولسا، جۈملە ئېنىق ۋە چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى. بولمىسا چېچەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا «چېن جېن ھايات- ماماتلىق مىنۇتلرىدا قولىدىكى ئۈزەڭگىنى نېمە بىلەن ئۇرغان بولغىيدى؟» دېگەن سوئال تۇغۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر جۈملىدە «سوقۇشتۇرۇش» سۆزى قوللىنىلسا، ئۇ ھالدا «قولىدىكى ئۈزەڭگىنى بىر- بىرىگە ئۇرۇۋېتىپتۇ» دەپ چۈشىنىلىشى مۇمكىن.
3- مىسال: «ئېھتىمال، بۆرىلەر موڭغۇلچە گەپنى، موڭغۇل ئوۋچىلىرىنىڭ قول ھەرىكىتىنى چۈشەنسە كېرەك، ئۇلار ئۆزلىرىنى دەرگۇمان قىلىپ قويغان بۇ موڭغۇل ئوۋچىنىڭ قورشاۋىدىن دەككە- دۈككە ئىچىدە دەرھال ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن، چېچىلىپ كەتمەي، رەتلىك يۈگۈرمەكتە ئىدى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 12- بەت).
چېن جېندىن ئىبارەت بىرلا ئادەم بىر توپ بۆرىنى قانداقمۇ قورشاۋغا ئالالىسۇن؟ مانا بۇ «بۆرە توتېمى»نى بېرىلىپ ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىغا دەرھال كېلىدىغان بىر سوئال. شۇنداق، ئاز سانلىق كۆپ سانلىقنى قورشاۋغا ئالدى، دېسە ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيدۇ، يۇقىرىقى مىسالدىكى «موڭغۇل ئوۋچىنىڭ قورشاۋى» دېگەن ئىبارىدىن «ئوۋچى بۆرىلەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاپتۇ» دېگەن مەنە چىقىدۇ. خوش، بۇ يەردە تەھلىلىي پەرەز قىلىپ ئولتۇرماي، ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نەشرىگە قاراپ باقايلى:
可能蒙古狼听得懂蒙古话,也有得懂蒙古猎人的手势猎语。狼群被它们所怀疑的蒙古猎人猎圈阵吓得快速撤离。但狼群撤得井然有序(姜戎:《狼图腾》第8页)。
چۈشىنىشىمىزچە، 狼群دىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، خەنزۇچە جۈملىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى قاتلام مەزمۇن بار:
بىرىنچى، بۆرىلەر چېن جېننىڭ ئىش- ھەرىكىتىگە قاراپ، ئۇنىڭ موڭغۇل ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۇمانلىق موڭغۇل ئوۋچى بىلەن داۋاملىق ئېلىشىشتىن قورقۇپ، ئۇنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىدىن دەرھال چېكىنگەن، ئىككىنچى، تەرجىمىدە مۇشۇ مەزمۇنلار يۇغۇرۇلۇپ قەلەمگە ئېلىنغان. ئەمما، جۈملىنىڭ راۋان بولۇشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنىڭ لوگىكىغا چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقىغا سەل قارالغان. شۇڭا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان لوگىكىلىق نۇقسان كېلىپ چىققان. بىزنىڭچە مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا بولاتتى:
... بۆرىلەر ئۆزلىرىنى گۇمانلاندۇرۇپ قويغان موڭغۇل ئوۋچىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىدىن دەرھال چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن چېچىلىپ كەتمەي، رەتلىك قاچماقتا ئىدى.
مانا بۇ سىناق تەرجىمىدىن ھەم يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك سوئال تۇغۇلمايدۇ، ھەم ئەسلى ئەسەردىكى مەزمۇن بىر قەدەر تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يەردە 猎圈阵 مۇھىم ھالقا، ئەگەر مۇشۇ سۆز مۇۋاپىق ئىپادىلەنگەن بولسا، تەرجىمىدىكى لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرمىگەن بولاتتى، بىز سىناق تەرجىمىدە 猎圈阵نى «زەربە بېرىش دائىرىسى»دەپ ئالدۇق. ئەسلى چېن جېن بىلەن بۆرىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتىكى زور پەرق نەزەردە تۇتۇلۇپ، 猎圈阵 «مۇداپىئەلىنىش دائىرىسى» ياكى «قوغدىنىش دائىرىسى» دەپ جانلىق ئېلىنسىمۇ بولاتتى، ئەمما خەنزۇچىدىكى مەنىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتمەسلىك كۆزدە تۇتۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرجىمىدە «رەتلىك يۈگۈرمەكتە» دەپ ئىپادىلەنگەن سۆزنى بىز «رەتلىك قاچماقتا» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق. چۈنكى، «يۈگۈرمەك» سۆزى «قورقماق» مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. «قاچماق» سۆزىدە «قورقماق» مەنىسى بار. يەنى قورقۇپ كەتكەندىن كېيىن قاچىدىغان گەپ.
4- مىسال: «چېن جېن شامىسى چاي بولۇپ، دەرھال بىر ھارۋا جەرەننى ئۆيگە ئېلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە 58- بەت)
陈阵乐得恨不得马上就拉回一车黄羊回家。»)狼图腾« 23页(
5- مىسال: «گاۋ جيەنجۇڭ شامىسى چاي بولغاندەك گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، كالا ھارۋىسىنى ھەيدىگەن پېتى يېتىپ كەلدى. («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 625-بەت).
高建中赶了一辆牛车兴冲冲地回来。») 狼图腾«202页(
يۇقىرىقى 4- مىسال بىلەن 5- مىسالدا ئوخشاشلا «شامىسى چاي بولماق» دەيدىغان بىزگە ناتونۇش بىر سۆز بىرىكمىسى بار. بىزنىڭچە، 4- مىسالدىكى «شامىسى چاي بولۇپ» نى قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «خۇشاللىقتىن» سۆزىنى دەسسەتسىلا بولغۇدەك، 5-مىسالدىكى «شامىسى چاي بولغاندەك»تىن ئىبارەت سۆز بىرىكمىسى ئېلىۋېتىلسىمۇ جۈملىنىڭ مەزمۇنىغا دەخلى يەتمىگۈدەك.
6- مىسال: «باتۇر ئۆيدىن چىقىپلا يۇڭ بوراننىڭ تىنىقىنى ئېلىپ باقتى... ھېقىقتەك كۆزلىرى بىر نەرسىدىن قورققاندەك پارقىراپ كەتتى... مىلتىقنىڭ زاتۇۋورىنى تارتىپ ئوق قاچىلىدى... شاسېرىن بىلەن بىرلىكتە مىلتىقنى مۈرسىگە ئاستى، ئىككى گەزدىن ئۇزۇن كېلىدىغان قولچىراغنى، قورۇقنى ئېلىپ، شىمالغىراق توغرا كېلدىغان تەرەپتىكى يىلىقلارغا قاراپ يۈگۈردى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 130-بەت).
يۇقىرىدىكى قوشما جۈملىدىن مۇنداق مۇۋاپىقسىزلىقلارنى بايقايمىز:
بىرىنچى، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىلدۇقكى، «يۇڭ بوران» خەنزۇچىدىكى «白毛风» نىڭ ئاساسەن خەتمۇ– خەت تەرجىمىسى ئىكەن. ئۇنىڭ خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدىكى تەڭدىشى «暴风雪» بولۇپ، تىلىمىزدا «شىۋىرغان» ياكى «جۇدۇن– چاپقۇن» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە، تىلىمىزدا تەييار تىل ماتېرىيالى بار ئەھۋالدا، يېڭى سۆز ياساپ قوبۇل قىلىش مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان تۈزۈك؛ ئىككىنچى، «ھېقىق» سۆزى ئارقىلىق قىزلارنىڭ لەۋلىرىنىڭ سۈپەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىز. ئەمما ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنىڭ سۈپەتلەنگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمىز؛ ئۈچىنچى، تىل ئادىتىمىزدە مىلتىقنىڭ زاتۇۋورى «تارتىپ» دېيىلمەيدۇ، بەلكى «قايرىپ» دېيىلىدۇ؛ تۆتىنچى، «شاسېرىن بىلەن بىرلىكتە مىلتىقنى مۈرسىگە ئاستى» دېگەن جۈملە كىشىگە گويا «ئىككى ئادەم بىر مىلتىقنى مۈرىسىگە ئاسقان»دەك تۇيغۇ بېرىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ، ئاتلىق ئادەم مىلتىقنى «مۈرسى»گە ئەمەس، بەلكى «بوينىغا» ئاسىدۇ؛ بەشىنچى، ئۇلار «يىلقىلارغا قاراپ يۈگۈردى» دېيىلسە، گوياكى پىيادە يۈگۈرگەندەك چۈشەنچە بېرىپ قالغان. شۇڭا، «يىلىقىلارنى كۆزلەپ ئات سالدى» ياكى «يىلىقىلارنى كۆزلەپ ئاتنىڭ بېشىنى قويىۋەتتى» دېيىلىشى كېرەك؛ ئالتىنچى، «يۇڭ بوراننىڭ تىنىقىنى ئېلىپ باقتى» ئەمەس، «جۇدۇن– چاپقۇننىڭ شەپىسىنى ئېلىپ باقتى» دېيىلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئەگەر مۇھەررىر سەل ئەستايىدىل بولغان بولسا، بۇ نۇقسانلار كۆرۈلمىگەن بولاتتى.
7- مىسال: «ناۋادا بۇ ئاتلار بۆرىلەرگە يەم بولسا ياكى پاتقاقتىن چىقالماي ئۆلسە، يىلقىچىلارنىمۇ بۆرىلەرگە ئوخشاش تېرىسىنى تەتۈر سويۇشى تۇرغانلا گەپ» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 134- بەت).
بۇ يەردە جۈملىنىڭ ئىگىسى نامەلۇم، بۇنداق ئەھۋالدا جۈملىدىكى «تەتۈر سويۇشى» دېگەن پېئىل «تەتۈر سويۇلۇشى» دەپ مەجھۇللاشتۇرۇلۇشى كېرەك. مەسىلەن: «... ئۆلسە، يىلقىچىلارنىڭمۇ بۆرىلەرگە ئوخشاشلا تېرىسى تەتۈر سويۇلۇشى تۇرغانلا گەپ».
8- مىسال: «شامدەك تاتارغان گۇڭگا چىراغ يورۇقىدا، ئىككى يىلقىچى يايلاقتا ھەر يىلى يۈز بېرىدىغان قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى». («بۆرە توتېمى»، ئۇيغۇرچە، 144-بەت)
在惨白模糊的电筒光柱下,两个马倌又一次目击了几乎年年都有的“ 草原屠杀 ” 。»狼图腾 «49页
يۇقىرىدىكى جۈملىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «شامدەك تاتارغان»دىن ئىبارەت ھەم مەنتىقسىز ھەم تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆز بىرىكمىسى تامامەن ھاجەتسىز، بەلكى بۇ سۆز جۈملىنى بۇزۇش رولىنى ئوينىغان. ئەگەر ئوڭشاش توغرا كەلسە، «چىراغ يورۇقى» ياكى ئېنىق قىلىپ، «قولچىراغ يورۇقى» دېيىلىشى كېرەك ئىدى. بولمىسا كىشىگە «ئادەتتىكى چىراغ»دەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. دەرۋەقە، «قولچىراغ» دېگەن سۆز كىتابنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇچرايدۇ، ھەتتا «پىروژىكتىر» دېگەن سۆزنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇنداق سۆزلەرنى مۇھەررىر بولغۇچى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك ئىدى. 8- مىسالدىكى جۈملە مۇنداق دېيىلسىلا كۇپايە:
«خىرە قولچىراغ يورۇقىدا... قىرغىنچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى».
يەنە كېلىپ «شامدەك تاتارغان» دېگەن سۆز ئەسەرنىڭ خېلى كۆپ جايلىرىدا ئۇچرايدۇ، بىلىش كېرەككى، «تاتىرىش» ئادەملەرگىلا خاس فىزېئولوگىيەلىك ھالەت بولۇپ، تىلىمىزدا كىشىلەرنىڭ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن چىرايىدا قان قالمىغان ھالىتى بەزىدە تامغا ئوخشىتىلىپ «چىرايى تامدەك تاتارماق» دەپ سۈپەتلىنىدىغان ئەھۋال بار. مەسىلەن، خوتۇننىڭ «سېنكا سالماي ئاقارتقان تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ، ئەنۋەرنىڭ يۈرىكى ‹جىغغىدە› قىلدى». (ئىلغارجان سادىق: «چاشقاندىن قورققان مۈشۈك»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، 2014- يىل 5- مارت). ئەمما «چىراغ يورۇقى»، «تامدەك تاتارغان» دېيىلمەيدۇ، شۇنداقلا «چىراغ يورۇقى»نى «شامدەك تاتارغان» دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. تۆۋەندىكى مىسالدىكى ئەھۋالمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ھەل قىلىنىشى كېرەك ئىدى:
9- مىسال: «چېن جېننىڭ چىرايى شامدەك ئاقىرىپ، ئىختىيارسىز قەدىمىنى يۆتكىدى-دە، بۆرە كۈچۈكىنى توسۇۋالدى» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 976-بەت).
10- مىسال: «ئۇ مۇشۇنداق مېڭىپ، پۇتىنىڭ ئايىغىدىكى بۆرە ماياقلىرىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئورنىغىلا زوڭزايدى، ماياقنى قولىغا ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسالدى. بۆرە ماياقلىرى ئاق رەڭدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى باناندەك ئىدى». (بۆرە توتېمى»، ئۇيغۇرچە، 639-بەت).
11- مىسال: «چېن جېن قولىدىكى ماياقنى ئوششاقلىدى، لېكىن باشقا ھەرقانداق قاتتىق نەرسىنى تاپالمىدى». («بۆرە توتېمى»، ئۇيغۇرچە، 640- بەت).
يۇقىرىدىكى (10-، 11- مىسال) جۈملىلەرنىڭ بىر قانچە يېرىدە «بۆرە مايىقى» ياكى «ماياق» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. بۆرىنىڭ چوڭ تەرىتىنى «ماياق» دەپ ئاتاش توغرىمۇ؟ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» (1- نەشرى) نىڭ 1018- بېتىدە «ماياق» دېگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:
«قوي، ئۆچكە، تۆگە قاتارلىق بەزى ھايۋانلارنىڭ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق بەزى قۇشلارنىڭ يۇمىلاق ياكى قاتتىقراق پوقى»
«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بېرىلگەن ئىزاھتىن «ماياق»نىڭ يومىلاق ياكى قاتتىق بولىدىغانلىقى؛ «بۆرە توتېمى»نىڭ 630- 640- بەتلىرىدە ئېيتىلغىنىدەك، ھەر بىر پارچىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى باناننىڭ ئۇزۇنلۇقىچىلىك كېلىدىغان، شۇنداقلا تەركىبىدە ھېچقانداق قاتتىق نەرسە بولمىغان بۆرىنىڭ چوڭ تەرىتىنى، «ماياق» دەپ ئاتاشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئوڭايلا بىلىشكە بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسە، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن بۆرىنىڭ چوڭ تەرەت قىلىشتىن ئىبارەت ھەرىكىتىنى خۇددى «قوي ماياقلىدى» دېيىلگىنىگە ئوخشاشلا «بۆرە ماياقلىدى» دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ھېلىمۇ «بۆرە مايىقى» دېگەن سۆز ژۇرناللاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەسىلەن:
12- مىسال: «ئەجدادلىرىمىز بۆرە مايىقىنى كۆيدۈرۈشتىن چىققان ئىسنىڭ ئېغىر بولۇشى، شامالدا ئاسان ئېغىپ كەتمەسلىكىدەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇرۇش ئۇچۇرىنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزگەن». («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2011- يىللىق 3- سان، 43- بەت).
سەھىپە ئېتىبارى بىلەن شۇنچىلىكلا مىسال كەلتۈرىمىز. ئۇنداقتا 狼粪 نى تىلىمىزدا زادى قايسى سۆز بىلەن ئىپادىلىسەك مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تىلىمىز مەنىداش سۆز (سىنۇنىم)لەرگە ئىنتايىن باي بىر تىل. مەنىداش سۆزلەرنى توغرا قوللىنىش بىر خىل تىل سەنئىتىدۇر. مەنىداش سۆزلەرنىڭ تىلدا قوللىنىلىشى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ پىكرىنى توغرا، دەل جايىدا، ئىنچىكە ئىپادىلەشتە تاللاش پۇرسىتى بېرىدۇ. ۋەھالەنكى، «بۆرە توتېمى» ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بۆرىنىڭ چوڭ تەرىتىنىڭ «يۇمىلاق» ئەمەس، بەلكى «ئۇزۇنچاق» ئىكەنلىكى، «قاتتىق» بولۇش تۈگۈل، تەركىبىدىمۇ ھېچقانداق قاتتىق نەرسىنىڭ يوقلۇقى ئېيتىلغان تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى «بۆرە مايىقى» دەپ ئاتاش تولىمۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالدۇر. بىزنىڭچە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى بىلدۈرىدىغان «پوق، نىجاسەت، گەندە، تېزەك، ماياق» دېگەندەك مەنىداش سۆزلەر ئىچىدىن گەرچە قوپالراق بولسىمۇ، دەل جايىغا چۈشىدىغان «پوق» سۆزىنى تاللاپ، «بۆرە» سۆزى بىلەن چىرمىشىش باغلىنىشتىكى «بۆرە پوقى» دېگەن سۆز بىرىكمىسى ھاسىل قىلساقلا كۇپايە. بۇ سۆز تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدىغان «ئىت پوقى» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئالاھەزەلقىياس، «پوق» سۆزى «توخۇ پوقى، پوقى چوڭ، قوڭى پوق، پوق بولماق، پوق يېمەك، پوقىنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان، پوقىنى چېلىپ ئىچىدىغان، قارغا بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پوق، كۆزىنى يۇمغان پوقىنى يەر، پوق قورساق» دېگەندەك فىرازىيولوگىيەلىك بىرىكمىلەرنىڭ سەلبىي مەنە ئاڭلىتىشىدا مۇھىم تەركىبىي قىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇھەررىر بىر چاغلاردا بىزگىمۇ توتېم بولغان بۆرىنى ئۇلۇغلاش تۇرغۇسىدىن ئەسەردىكى باش قەھرىمان — بۆرىنىڭ ئارقا تەرىتىنى قۇلاققا سىلىقراق ئاڭلىنىدىغان «ماياق» سۆزى بىلەن ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق تاپقان بولسا كېرەك.
ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق تۇرمۇشىدىن يىراقلاشقىنىمىزغىمۇ بىر قانچە ئەسىرلەر بولۇپ كەتتى. بىزدىكى بۆرە توتېم قارىشىمۇ بارغانسېرى سۇسلىشىپ يوقىلىپ كەتتى. ھەتتاكى باشقا مەدەنىيەتلەر تەسىرىدىن بىزدە بۆرىنى ۋەھشى، قانخور ھايۋان دەپ ھېسابلايدىغان كۆزقاراش ئاللىقاچان شەكىللىنىپ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىمىزدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بۆرە ئۈچۈن «پوق»نىڭ ئورنىغا «ماياق»نى ئالماشتۇرۇپ قوللىنىش زادى قانچىلىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر؟ بىزنىڭچە، بۇنىڭ تىلىمىزنى بۇزۇش رولىلا باركى، ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئەلۋەتتە.
قىسقىسى، يۇقىرىقى بايانلىرىمىزغا كۆرە، بىزنىڭچە بۇ يەردە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى سىلىق سۆز «بۆرە مايىقى» ئەمەس، بەلكى قوپال سۆز «بۆرە پوقى»دىن ئىبارەت چىرمىشىش باغلىنىشتىكى سۆز بىرىكمىسىدۇر.
13- مىسال: «بۆرە بىر نەچچە پارچە تاشنى دۆڭدىن پەسكە دومۇلىتىۋەتتى. گۈلدۈر- قاراس ئاۋاز چىقىپ كەتتى بولغاي، يىگىرمە نەچچە مېتر نېرىدا چۆپ يەۋاتقان سۇغۇر چۆچۈپ كېتىپ، دەرھال ئۆزىنىڭ يەككە ئۆڭكۈرىگە يانماقچى بولدى». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 660-بەت).
تىلمىزدا «گۈلدۈر» سۆزى چوڭ، ئېغىر نەرسىلەرنىڭ ئېگىزدىن پەسكە چۈشۈشى، ئۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاۋازلارغا تەقلىد قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئەسەردە «گۈلدۈر»نىڭ قوللىنىلىشى مۇۋاپىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە دەل- دەرەخ قاتارلىقلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ سۇنۇشى ۋە يېرىلىشىغا تەقلىد قىلىنغان، «قارس» سۆزىنىڭ قوللىنىلىشى مۇۋاپىق بولمىغان. شۇڭلاشقا، يۇقىرىقى مىسالدا «گۈلدۈر – قاراس» ئەمەس، بەلكى «گۈلدۈر- گۇلۇپ» ياكى «گۈلدۈر- غالاپ» دېگەن تەقلىدىي سۆز قوللىنىلغان بولسا بەلەن بولاتتى. دەرۋەقە، تىلىمىزدىكى تەقلىدىي سۆزلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك- تۈمەن خىل ئاۋازلارنى ئەينەن ئىپادىلەپ كېتەلمەيدۇ. پەقەتلا نىسپىي تەقلىد قىلىدۇ، خالاس.
14- مىسال: «چېن جېننىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. ئەگەر بۆرە مايىقىدىن قاپقارا ئىس- تۈتەك كۆتۈرۈلسە، بۇ بىر خەنزۇنىڭ موڭغۇل يايلىقىدا تارىختىن بۇيان بىرىنچى قېتىم كۆيدۈرگەن بۆرە تۈتۈنى بولۇپ قالاتتى». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 645- بەت).
«تۈتۈن» ئەسلىدە ماددىلارنى كۆيدۈرۈش نەتىجىسىدە چىققان ئىس تۇرسا، يەنە ئۇنى قانداقمۇ كۆيدۈرگىلى بولسۇن؟ شۇڭا، يۇقىرىقى جۈملىدىكى «كۆيدۈرگەن» سۆزىنىڭ ئورنىغا «چىقارغان» سۆزى قوللىنىلىشى كېرەك، يەنى، «بۇ خەنزۇنىڭ موڭغۇل يايلىقىدا تارىختىن بۇيان بىرىنچى قېتىم چىقارغان تۈتۈنى بولۇپ قالاتتى».
15- مىسال: «بۆرە كۈچۈكىنى باققىنى ئاز كەلگەندەك، ئوت تۇتاشتۇرۇپ بۆرە تۈتۈنىنى ئۆرە قىلغان ئادەم چوقۇم بۆرىدەك يامان نىيەتلىك ئادەم بولاتتى». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 646- بەت).
بۇ جۈملىدىمۇ «ئۆرە قىلغان» سۆزىنىڭ ئورنىغا ئوخشاشلا «چىقارغان» سۆزى قوللىنىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، تىلىمىزدا ھېچقاچان «تۈتۈننى ئۆزە قىلماق» دېيىلمەيدۇ. يۇقىرىقى مىساللاردىكى «كۆيدۈرگەن»، «ئۆرە قىلغان» سۆزلىرىنىڭ مۇۋاپىق بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى دەلىللەشتە، ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نەشرىگە سېلىشتۇرۇشىمىز تامامەن بىھاجەت. ناۋادا، مۇھەررىر «ئۇنىڭ تۇردىكى يانغىن ئارقىلىق بەگلەرنى كولدۇرلاتماقچى بولغانلىقى، تۈتۈن چىقىرىپ دۈشمەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈشكە پېتىنغانلىقى بولماي نېمە؟» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 646- بەت) دېگەن جۈملىدىكى مۇۋاپىق قوللىنىلغان «تۈتۈن چىقارماق» سۆزىگە ئىنچىكىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىدى، يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى تۈزەتكەن بولاتتى.
16- مىسال: «مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق، تۇتۇپ باقسىمۇ، سىلاپ باقسىمۇ بولىدىغان ھەقىقىي بىر بۆرىسى بار». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 682- بەت).
بىز يۇقىرىقى جۈملىنى ئايرىم ئوقۇساق، ھېچقانداق مەسىلە سېزىلمەيدۇ، ئەمما ئۇنى ئالدى- كەينىدىكى جۈملىلەرگە باغلاپ چۈشەنگىنىمىزدە، جۈملىدە قانداقتۇر بىر ئېلېمېنتنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىمىز. ئۇ نېمىدۇ؟ بىرنىڭچە ئۇ «ئىدى» پېئىلىدۇر. ئەگەر «بار» دېگەن سۈپەتنىڭ كەينىدىن «ئىدى» ئۇلىشىپ كەلگەن بولسا، جۈملە تولىمۇ توق ۋە تولۇق چىققان بولاتتى، مەسىلەن، «... ئۇنىڭ ... ھەقىقىي بىر بۆرىسى بار ئىدى».
مەلۇمكى، گەرچە بۇ جۈملىدە «ئىدى» ياردەمچى پېئىلى بىرەر لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ، «بار» دېگەن سۈپەت بىلەن بىرلىكتە خەۋەر بولۇپ كېلىپ، ۋاسىتىسىز ھۆكۈم، ئۆتكەن زامان، 3- شەخس قاتارلىق گىرامماتىكىلىق مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ، جۈملىگە تۈس كىرگۈزگەن.
17- مىسال: «ھايال ئۆتمەيلا، بۆرە كۈچۈكى ئۆڭكۈردىن ئۆزىنى سۇغۇرۇپ چىقىپ، سىرتىدىكى توپىنى كەينىگە تارتقىلى تۇردى». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 693- بەت).
يۇقىرىقى مىسالدىكى «بۆرە كۈچۈكى ئۆڭكۈردىن ئۆزىنى سۇغۇرۇپ چىقىپ» دېگەن مەنتىقىسىز ئىبارە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە تارتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى مىسالدىكى «سۇغۇرماق» پېئىلىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ مەجھۇل دەرىجىدە شەكلى «سۇغۇرۇلماق» قوللىنىلغان ۋە چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەن «ئۆز» ئالمىشى قىسقارتىۋېتىلگەن بولسا، يۇقىرىقى مەنتىقىسىزلىك كېلىپ چىقمىغان بولاتتى. مەسىلەن: «بۆرە كۈچۈكى ئۆڭكۈردىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ» دېگەندەك. ئەمما مۇھەررىرنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە زىت بۇ ئىللەتنى ئوڭشاشقا قولى بارمىغان ياكى بايقىماي ئۆتكۈزۈۋەتكەن.
بىز ئۆز قارىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يۇقىرىقى جۈملىنىڭ خەنزۇچىسىغا مۇراجىئەت قىلىمىز:
“过了会儿,小狼退出洞,用两只前爪搂住沙堆往后扒拉。”(《狼图腾》第225页)
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ يەردە بۆرە كۈچۈكىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قېزىۋاتقان كاماردىن كەينىچىلەپ يېنىپ چىققانلىقىنى ئىپادىلەشتە يۇقىرىقى مەنتىقىسىزلىككە يول قويۇلغان. ئەمەلىيەتتە مۇنداق دەپ ئوڭشىۋېتىشقىمۇ بولاتتى:
«ھايال ئۆتمەيلا، بۆرە كۈچۈكى كاماردىن كەينىچىلەپ يېنىپ چىقىپ، كامار ئاغزىغا (دۆۋىلىنىپ كەتكەن) توپىنى ئىككى ئالدى پۇتى بىلەن كەينىگە تارتقىلى تۇردى.
18- مىسال: «لېكىن ئېقىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە قومۇش ۋە توزغاق ئىنتايىن قېلىن ئىدى». («بۆرە تۇتېمى» ئۇيغۇرچە، 722- بەت).
二道桥两旁却长满茂密的芦荟和蒲棒。»)狼图腾«231页(
بۇ جۈملىدىكى «蒲棒» ئۇيغۇرچىدا «توزغاق» ئەمەس، بەلكى قومۇشقا ماس ھالدا «يېكەن» دەپ ئېلىنغان بولسا تولىمۇ دەل بولاتتى. ئەمەلىيەتتە «蒲棒» يېكەن ئۆسكەنسېرى ئۇنىڭ ئۇچىدا پەيدا بولىدىغان توقماقچە شەكىلدىكى نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ «يېكەن باشىقى» ياكى «يېكەن توقمىقى» دېيىلىدۇ، كۈز بولغاندا (يېكەن پىشقاندا) ئۇنىڭ ئىچىدىن «توزغاق» (蒲茸) چىقىدۇ، توزغاق ياستۇققا ئىشلىتىلىدۇ. ئالايلۇق: «بايانچۇر قاغان كات ئۈستىدە گۈللۈك تاۋار بىلەن قاپلانغان توزغاق ياستۇققا بېشىنى قويۇپ ... ياتاتتى». (پەرھات چىلان: «ئورقۇن شەجەرىسى» 325- بەت). دېمەك، مۇھەررىر «يېكەن» بىلەن «توزغاق»نى پەرقلەندۈرمىگەن.
19- مىسال: «باتۇر باشقا ئۈچ يىلقىدا بىردىن يىلقىچىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ چوڭ يىلقىچىلاردىن ئۇلارنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىدى.» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 916-بەت).
巴图尔发现其他三个马群都少了一个马倌... …») 狼图腾294«页 (
ئۇيغۇرچە تەرجىمىدە «ئۈچ» سۆزى بىلەن «يىلقىدا» سۆزىنىڭ ئوتتۇرسىدا كېلىدىغان «ئۈيۈر» سۆزى چۈشۈپ قوالغان، بۇنى تولۇقلاش مۇھەررىرنىڭ ۋەزىپىسى ئەلۋەتتە.
20- مىسال: «بىلگە بوۋاي خۇددى قەبىلە ئاقساقالىدەك قەبىلىنىڭ ياردەمچى قوشۇنىنى باشلاپ ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە، ئەڭ ھالقىلىق جايغا، ئەڭ دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىدىكى بۇ ياردەمچى قوشۇن قېرى بۆرە شاھىنىڭ قوماندانلىقىدىكى سەرخىل لەشكەرلەردىن تەركىب تاپقانىدى». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 928- بەت).
يۇقىرىقى مىسالدىكى «قېرى بۆرە شاھى»، «بۆرە لەشكەرلەر» دېگەندەك سۆزلەر ئەسلى مەنىسىدىن باشقىچىرەك مەنىدە كەلگەنلىكى ئۈچۈن، قوش تىرناققا ئېلىنىشى كېرەك. بولمىسا ئادەمنى كۆرسىتىدىغان «قېرى بۆرە شاھى»، «بۆرە لەشكەرلەر» بىلەن ھايۋاننى كۆرسىتىدىغان «قېرى بۆرە شاھى»، «بۆرە لەشكەرلەر» ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
21- مىسال: «چېن جېن بوۋاينىڭ دېگىنى بويىچە قوينىڭ بىر نەچچە سۆڭىكىنى ئېتىپلا قاپقاننى قومۇرىۋەتتى»، («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 1040-بەت).
بىزنىڭچە يۇقىرىقى جۈملىدە «قومۇرىۋەتمەك» سۆزى مۇۋاپىق قوللىنىلمىغان. چۈىكى، «قومۇرۇۋەتمەك» سۆزى «مەلۇم بىر نەرسىنى كۆمۈلگەن ياكى ئورنىتىلغان جايىدىن تارتىپ چىقىرىۋەتمەك، بولۇپ ئېلىۋەتمەك» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. مۇشۇ مەنىگە كۆرە، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى قاپقاننى ئورنىدىن كولاپ (قۇمۇرۇپ) ئېلىپ كېتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى بۆرە تۇتالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق ئەھۋالغا «چاچرىماق» سۆزى ۋە ئۇنىڭ باشقا گىرامماتىكىلىق شەكىللىرى ئەڭ باب كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇ بىر نەچچە سۆڭەكنى ئېتىپلا قاپقاننى چاچرىتىۋەتتى، دېگەندەك.
ئىش تەرتىپى بويىچە ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن قاپقان قۇرۇلىدۇ (设夹子)، ئاندىن تەييارلانغان ئورەككە قاپقان قويۇلىدۇ (下夹子)، ئاندىن كېيىن بىر قانچە كۈندە بىر كېلىپ قاپقانغا ئوۋنىڭ چۈشكەن- چۈشمىگەنلىكى تەكشۈرۈلىدۇ (看夹子)، ئەڭ ئاخىرىدا ئوۋ چۈشمىگەن قاپقان ئالدى بىلەن چاچرىتىلىپ (翻夹子)، بىخەتەر ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئېلىنىپ كېتىلىدۇ (溜夹子)، ياكى قاپقان باشقا جايغا يېڭىباشتىن قويۇلىدۇ؛ مۇبادا ياۋايى ھايۋان (بۆرە) قاپقانغا دەسسىۋالسىمۇ، قاپقان چاچراپ كېتىدۇ-دە، ياۋايى ھايۋاننىڭ پۇتىنى مەھكەم قىسىۋالىدۇ ياكى پاچىقىنى چېقىۋېتىدۇ.
22- مىسال: «موڭغۇل مىللىتى... پۇتىنىڭ ئالىقىنى يوغان، ھەممە يەردە ئەركىن- ئازادە يۈرەلەيدىغان ئاياللارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېلىپ...» («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 1236- بەت).
ئىزاھلىق لۇغەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىقان «قول پەنجىسىنىڭ ئىچكى يۈزى» دېگەن مەنىنى، تاپان «پۇتنىڭ يەرگە تەكشى تېگىپ تۇرغان قىسمى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇ ئىزاھلارغا كۆرە، «پۇتىنىڭ ئالىقىنى» دېيىش بەئەينى «قولنىڭ تاپىنى» دېيىشتەكلا مەنتىقىسىزلىك بولۇپ، بىۋاسىتە «پۇتى يوغان» ياكى «سۇپرا تاپان» دېيىلسىلا كۇپايە ئىدى. يۇقىرىقىدەك ئېگىز- پەسلىكلەرنى دەل جايىغا چۈشۈرۈش مۇھەررىر ئۈچۈن بىھۇدە ئاۋارىچىلىك بولمىسا كېرەك، بەلكىم.
23- مىسال: «ئۇنىڭ ئۈستىگە، بېيجىڭ چاڭئەنگە قارىغاندا دېڭىزغا يېقىن بولغاچقا، ئاستانىنى بېيجىڭدا تۇرغۇزۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆچمەن چارۋىچىلىق روھىغا ۋارسلىق قىلىشىغا، دېڭىز- ئوكيانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا، ئېچىۋېتىشكە، دېڭىز- ئوكياندىكى ‹كۆچمەن چارۋىچىلىق روھ›نى ئىگىلەشكە پايدىلىق بولمىغان». («بۆرە توتېمى» ئۇيغۇرچە، 1250-بەت).
بۇ يەردە ئاخىرقى تارماق جۈملىدىكى «دېڭىز- ئوكيان» دېگەن سۆزگە «دىكى»دىن ئىبارەت ئورۇن– بەلگە كېلىش قوشۇمچىسى خاتا ئۇلىنىپ ياسالغان «دېڭىز- ئوكياندىكى ‹كۆچمەن چارۋىچىلىق روھ›» دېگەن يانداش باغلىنىشتىكى ئېنىقلىغۇچى- ئېنىقلانغۇچىلىق سۆز بىرىكمىسى پۈتۈن قوشما جۈملىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن. دېڭىز- ئوكياندا كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بولمىسا، ئۇ يەردە «كۆچمەن چارۋىچىلىق روھ» نېمە قىلسۇن؟! ئەسلى بۇ يەردە نۆل كېلىشتە كەلگەن «دېڭىز- ئوكيان» بىلەن «كۆچمەن چارۋىچىلىق روھ» 3- شەخستە تۈرلىنىپ «دېڭىز- ئوكيان كۆچمەن چارۋىچىلىق روھى»دىن ئىبارەت چىرمىشىش باغلىنىشتىكى ئابىستراكىت سۆز بىرىكمىسى قوللىنىلغان بولسا، يۇقىرىقىدەك نۇقسان كۆرۈلمىغان بولاتتى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان «كۆچمەن چارۋىچىلىق روھى» دەل «بۆرە روھى»نى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىقى مىسالنىڭ خەنزۇچىسى مۇنداق:
而且北京又比长安更接近大海,建都北京有利于中华民族继承游牧精神,并向海洋开放和发展,再教得海洋,游牧精神。(姜戎:《狼图腾》第449页)。
بىزنىڭچە، 23- مىسالدىكى جۈملە تۆۋەندىكىدەك ئېلىنغان بولسا، تېخىمۇ راۋان، چۈشىنىشلىك بولغان بولاتتى:
«ئۇنىڭ ئۈستىگە، بېيجىڭ چاڭئەنگە قارىغاندا، دېڭىزغا يېقىن بولغاچقا، بېيجىڭنى ئاستانە قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنى كۆچمەن چارۋىچىلىق روھىغا ۋارسلىق قىلدۇرۇشقا، دېڭىز- ئوكيانغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇشقا، ئېچىۋېتىشكە، دېڭىز- ئوكيان ‹كۆچمەن چارۋىچىلىق روھى›نى ئىگىلىتىشكە پايدىلىق.»
تەھرىرلىك شۇنداق مۇھىم ئەمگەككى، ئەگەر ئەسەر ئۆزى ياخشى ئىشلەنگەن ئەسەر بولسا، مۇھەررىر ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بارلىق قان- تەرىنى سەرپ قىلغان بولسا، ئۇ چاغدا بەئەينى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قويۇلغاندەك، «كىمخاپقا گۈل باسقان»دەك نەتىجە چىقىدۇ-دە، ئەسەر تېخىمۇ جۇلالىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئەسەر ئىستېداتلىق قەلەمكەشنىڭ قولىدىن چىققان ئەسەر بولسىمۇ، مۇھەررىر قەلەمكەشنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىپ، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى تولۇق، ئەستايىدىللىق، ئىنچىكىلىك بىلەن قىلمىسا، ئۇ ھالدا ئەسەردىن مەسىلە چىقماي قالمايدۇ. تەجرىبىلەردىن مەلۇمكى، قەلەمكەش ھەرقانچە ئىستېداتلىق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەسەر ئۇنداق ياكى مۇنداق نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ. بۇ نۇقسانلار مۇھەررىرنىڭ جاپالىق ئەجىر قىلىشى نەتىجىسىدە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر ئەسەر نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇقسانلار بايقالغىلى تورسا، بۇ «ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ» پاكىتتىن قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
ئاخىرىدا، جاپاكەش مۇھەررىرلەرگە خاتىرجەملىك، سالامەتلىك تىلەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ گىرامماتىكا، لوگىكا، ئىستىلىستىكا بىلىملىرى بويىچە ئۆزىنى تېخىمۇ تاۋلاپ، ئەلكۈنىمىزگە تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئەسەرلەرنى تەقدىم ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر